Uyghurئاساسىي لۇغەت
لىرىك شېئىر
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىگە تەسىر قىلىدىغان ھېس - تۇيغۇ، خىيالنى تەسىرلىك ۋە جۇشقۇنلۇق قىلىپ ئىپادىلەيدىغان شېئىرىي تۈر. ئۇ پەقەت شائىرنىڭ ھېسسىياتىنىلا ئاساس قىلىدۇ. لىرىك شېئىردىكى «مەن» ياكى شائىرنىڭ ئۆزى شېئىرنىڭ باش قەھرىمانى بولىدۇ.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
شېئىرىيەتنىڭ بىر چوڭ تۈرى. لىرىك شېئىرلار شائىرنىڭ تۇرمۇشتىن قوزغالغان ئىلھام بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى يىغىنچاق ئىپادە قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
لىرىك شېئىرلار ئاساسەن شائىرنىڭ ئىدىيۋى ھېسىياتىنى بىۋاستە بايان قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇنىڭدا مۇكەممەل سۇژېت ۋەقەلىكى بولمايدۇ، پېرسۇناژلار ۋە مۇھىتنى تەپسىلىي، كونكرېت تەسۋىرلەش تەلەپ قىلىنمايدۇ.
لىرىك شېئىرلار كۆپرەك ئىنتىم لىرىكىسى ۋە پېزژ لىرىكىسى تۈرلىرىگە بۆلۈنىدۇ. مەزمۇن ئالاھىدىلىكى بىلەن يەنە سىياسىي لىرىكا، مۇھەببەت لىرىكىسى خىللىرىغا ئىگە. مەدھىيە، مەرسىيە، قوشاق قاتارلىق تۈرلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغانلىرىمۇ لىرىك شېئىرلار تەۋەسىگە كىرىدۇ.
لىرىك شېئىرلار ھەمىشە دېگۈدەك دەۋرنىڭ، زاماننىڭ رىتىمى ھېسابلىنىدۇ.