Uyghurئاساسىي لۇغەت
لىرىكا
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
گرېكچە Iyra
قەدىمكى گرېكلاردا راۋاپقا ئوخشاش مۇزىكا ئەسۋابى بولۇپ، ئۇلار شۇ ئەسۋابنى چېلىپ شېئىر - قوشاق ئېيتىشقان؛ ئەنە شۇنداق شېئىر - قوشاقلار لىرىكا دېيىلىگەن. بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ ئېپوس، لىرىكا، دراما دەپ ئاتالغان ئۈچ ئاساسىي تۈرىدىن بىرى.
لىرىكا بىرەر ۋەقە، ھادىسە تەسىرىدىن ئىنساندا تۇغۇلغان روھىي ھالەتنى، پىكىر ۋە تۇيغۇلارنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇ ئەنە شۇ خۇسۇسىيىتى بىلەن ئېپوس ھەم درامىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. لىرىكا يازغۇچى - شائىرلارنىڭ رېئال تۇرمۇشنى كۈزىتىش جەريانىدا ئۇرغۇپ چىققان ئىدىيىۋى ھېسىياتىنى ئىزھار قىلىشتىكى بىر خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى. ئۇ لىرىك شېئىر ياكى نەسرى ئەسەرلەردە گەۋدىلىكرەك بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛گرېكچە
ئەدەبىيات
شائىر، يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردە بايان قىلغان سۇبېكتىپ تەسىراتى ۋە ئىدىيىۋى ھېسسىياتى.
شۇ خىل ھېسسىيات ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەر يىغىندىسى.
ناۋايى لىرىكىلىرى. پوشكىن لىرىكىلىرى.