Uyghurئاساسىي لۇغەت
لويلا چۆچۈرىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
يۇمران لويلا 250 گرام، سۇ يېغى 35 گرام، ئاق ئۇن 500 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، قۇيرۇق ياغ ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. لويلىنى پاكىز يۇغاندىن كېيىن ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان قۇيرۇق ياغ، سۇ يېغى، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ لويلا قىيمىسى تەييارلىنىدۇ.
2. خېمىرنى چۆچۈرىنىڭكىدەك تەييارلاپ بەش كۋادرات سانتىمېتىر جىلت كېسىپ، ھەربىر جىلتقا لويلا قىيمىسىدىن سېلىپ چۆچۈرە تۈگۈپ، قايناق سۇدا 5-7 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ.