Uyghurئاساسىي لۇغەت
لۆڭگە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۈز - قول يۇغاندا سۈرتىدىغان ئىلمە توقۇلما.
<لۆڭگە> كۆپىنچە يۈز ۋە يۇيۇنغاندا بەدەن سۈرتۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
<ياغلىق>، <مايلىق> لار ئومۇمەن تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قول سۈرتۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
ئاممىۋى يىغىلىشلاردا، توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغلاردا كۆپچىلىك قولىنى يۇيىدۇ، بىر لۆڭگىگە، بىر مايلىققا سۈرتىدۇ، بۇياخشى ئادەت ئەمەس. يۈز لۆڭگىسى بىلەن مايلىق بىر بولماسلىقى كېرەك. ياغلىقنىڭ پاكىزلىقى ھەممىدىن زۆرۈر. ھازىر قەغەز سالپىتكىسى چىقىپ بەك ياخشى بولدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
پاختا يىپتىن تىۋىت چىقىرىپ توقۇلغان، يۈز، قول، بەدەننى سۈرتۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تازىلىق بۇيۇمى.