Uyghurئاساسىي لۇغەت
ليۇچېڭلوڭ
دۇنيا تارىخى
(1542 - 1607) چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى مەزگىلىدىكى سىياسىئونى. چىڭ شاڭبېيداۋ ۋىلايىتى ئەندوڭ ناھىيىسىنىڭ فىڭشەن دېگەن يېرىدىن. ئىسمى ئىرجەن، تەخەللۇسى شيا، ھۆرمەت نامى جۇڭگوڭ. 1562 - يىلى (مىڭزۇڭنىڭ 17 - يىلى) تاۋشەن تېغىدىكى لى جۇاڭدىن ئىلىم ئۆگەنگەن. 1565 - يىلى (مىڭزۇڭنىڭ 21 - يىلى) ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ پەرمانبەردار، ئەمەلدارلار پىرقىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى، شىغاۋۇل پىرقىسىنىڭ سوراقچىسى، ئوڭ قول مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ئەمەللەرگە تەيىنلەنگەن. دوڭرىنداڭ پىرقىسىنىڭ ئاساسلىق ئادىمى، جەنۇبلۇقلار مەزھىپىنىڭ باشلىقى بولغان. 1592 - يىلى (شۈنزۇنىڭ 25 - يىلى) باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن. رىنچېن ۋەتەن ئۇرۇشى ۋاقتىدا پاىشاھقا ھەمراھ بولۇپ غەربكە چىققان. ئۇرۇش ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ۋەزىرلكتىن قالدۇرۇلغان. كېيىن ئاستانە كۆزەتكۈچىسى بولغان، ئىككىنچى يىلى مەشق ئورنى قۇرۇپ، چامباشچىلىقنى ئۆگەنگەن. يەنە جۇڭچىڭ، چۇەنلۇ، چىڭشاڭ ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ھەربىي قومدانلىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇ يىلى 10 - ئايدا، شۇەنزۇ پايتەختكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن باش ۋەزىرلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، 1597 - يىلى يەنە پايتەختنىڭ شىمالىدىكى تۆت ۋىلايەتنىڭ ھەربىي ئاتامانى بولغان. 1598 - يىلى مەزھەپ تالاش - تارتىشى تۈپەيلىدىن ئىستېپا بېرىپ يۇرتىغا قايتىپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.