Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لىگازا
دائىرە: بىئولوگىيە连接酶
liánjiēméi
يەنى پولى نۇكلېئوتىدلارنى سېنتىزلىغۇچى ئېنزىم (orpolynucleotide synthetase) يوچۇقى بولغان پولى نۇكلېئوتىد زەنجىرىنىڭ تۇيۇقلىنىشى ياكى ئۇلىنىشىنى كاتالىزلايدىغان بىر خىل ئېنزىم بولۇپ، ئۇ يوچۇقتىكى ئەركىن 5 - فوسفات كىسلاتاسى ۋە 3 - گىدروكسىللىق تۇتاشتۇرىدۇ، ئوخشاش ئۇسۇلدا قىسقا بۆلەكلەرنى ئۇلاپ، كۆپ نۇكلېئوتىدلىق ئۇزۇن زەنجىرگە ئايلاندۇرىدۇ. تەسىر قىلىدىغان ئاساسىي ماددىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۇ DNA لىگازا ۋە RNA لىگازىغا بۆلۈنىدۇ. دائىم قوللىنىلدىغان DNA لىگازا ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىدىن كەلگەن بولۇپ، رېئاكسىيىلەشكەن ۋاقتىدا DNA نىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. يەنە بىرى T 4 باكتېرىئوفاگ يۇققاندىن كېيىنكى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيە DNA لىگازىسى بولۇپ، DNA گە ئەمەس بەلكى ATP گە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. DNA لىگازا DNA نىڭ سىنتېزلىنىشى، زەخىملەنگەن DNA نىڭ ئەسلىگە كېلىشى، گېنلارنىڭ يېڭىدىن تۈزۈلۈشلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. RNA لىگازا كۆپىنچە T 4 باكتېرىئوفاگ يۇققاندىن كېيىنكى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىدىن ئايرىۋېلىنىپ ساپلاشتۇرۇلىدۇ. ATP ۋە Mg ++ نىڭ مەۋجۇتلۇقىدا ئۇ پولى نۇكلېئوتىدلار ئارىلقلىرىنڭ ئۇلىنىشىنى ۋە كەمتۈك RNA نىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى كاتالىزلايدۇ.
باغۋەنچىلىك,تېببىي,ئۇنىۋېرسال
连接酶
lián jiē méi
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.