Uyghurئاساسىي لۇغەت
لەقۋا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقلىي كۈچى ئاجىز، تولۇق يېتىلمىگەن، توغرا پىكىر قىلالمايدىغان.
بۇ يەردىكى فرازىئولوگىيىلىك بىرىكمىلەردىن «قاپاقباش، سامانقورساق، پوققورساق» لارنىڭ بىلىمسىز، نادانلىقتىن «دۆت» لۈكىنى كۆرسىتىدۇ؛ قالغانلىرى كۆپىنچە جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كېلىدۇ. پېئىل ھالىتىدە جۈملە بۆلەكلىرى بولۇپ كېلىدۇ: ئۇ، سەندىن قاچان كەلدىڭ دەپ، سوراۋاتىدۇ، سەن تاغدىن سورىسا، باغدىن جاۋاب بېرىۋاتىسەنغۇ دېگەندەك.
كالۋا مەسچىتتىمۇ تاماق يەر. گالۋاڭنىڭ بېشى زېدە. گالۋاڭغا ئالۋاڭ يوق. راھەتكە بېرىلگەن ئۆگەنمەس، لەقۋا بولار. ئەلنىڭ جېنى چىقسا، گالزاڭنىڭ كۈلكىسى كېلەر. ئاقىلنىڭ ئىشى تۈگىمەس، گاراڭنىڭ غېمى. كومشانىڭ كۈن كۆرۈشى تەس. دېۋەڭگە تاياق دېۋەيلىمە، ئورۇنسىز. مەتۇ مېھرابقا سىيىدۇ. گول ئاسان ئادىشىدۇ. دەلتە دەردىنى بىلمەيدۇ. گاراھ گاسقا يولۇقسا ئىش بۇزۇلىدۇ. ئاڭقاۋ ئالمىغا ئامراقمىش. پاڭقۇش پايخانىدا قالىدۇ. ھاڭۋاقتىغا ھارامزادە ئامراق. ھاڭۋاقتىنىڭ ھالى خاراب. خامۇش ئاشنى خام يەيدۇ. خارامۇش خارلانمىسۇن. قاپاقباشتىن ساپ ئەقىل يوق. سامانقورساق سامانلىقتا ياتىدۇ. ئۇ مېڭىسىنى قاغا چوقۇۋالغان نېمىكەن. باقى قىچىشمىغان يەرنى تاتىلاپ يۈرىدىغاننى دوست تۇتۇپتۇ. ئاشپەزگە پۇل بېرىپ، نانۋايغا قارايدىغان كىشىدىن ئاغزىڭ قېنى دېسە، بۇرنىنى كۆرسىتىدىغان ئارتۇق ئەمەس. ئۇ شۇنداق قىزىق بالىكەنكى، تاغدىن سورىساڭ، باغدىن جاۋاب بېرىدىغان كىشىلەردىن كۈلىدىكەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كاللىسى گال، زېھنى تۇتۇق، تېز بىلىپ، تېز چۈشىنىۋالالمايدىغان.
زېرەك
كاللىسى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، تېز بىلىپ، تېز چۈشىنىۋالىدىغان.
زېرەك خۇشامەتنى دوست تۇتماس. زېرەك تېپىپ سۆزلەيدۇ، كالۋا كۆپۈپ. باتۇر ئاڭقاۋ كېلىدۇ، پالۋان دۆت. گالۋاڭ ئېگىزنىڭ بېشى ھەمىشە زىدە. ھارۋىسى ئۆرۈلسە، ھاڭۋاقتىمۇ ئېسىنى يىغار. ھاماقەتنى ھارماڭ دېمە، ھارغاندا ئۆزى توختايدۇ. قاپاقباش ياخشى پىكىر قىلغانىدى قاچان؟ پۇچ ئۈچكىدىن مېغىز چىققانىدى قاچان؟ دېۋەڭ بىر تېۋەڭ ناننى بۇزىدۇ. لەقۋا لايىق تاپالمايدۇ.
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، يۈز نېرىپلىرىنىڭ سېزىمىنى يوقىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
يۈزنىڭ شەكلى ئۆزگىرىش، باش ئاغرىش، كۆز، قاش، كالپۇك ۋە پېشانە تېرىسى بىر تەرەپكە مايماقلىشىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سۆئلەپ چىنى، ئاقىرقەرھا، ئۇدسەلىب، ئۇد ھىندى 15 گرامدىن، ئۆشنە، ئوغرى تىكەن، قۇندۇز قەھرى، دۇرنەج ئەقرەبى 13 گرامدىن، ئۈستقۇددۇس 25 گرام، گاۋزىبان ھىندى 23 گرام، ئەۋرىشىمدىن 11 گرام، چىلىغوزىدىن 35 گرام، ئالتۇن ۋاراق، كۈمۈش ۋاراق 15 تالدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
ئالتۇن ۋاراق، كۈمۈش ۋاراق، قۇندۇز قەھرى، ئەۋرىشىمدىن باشقىلىرىنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن قالغان دورىلارنى ئۈستىگە سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 8 ~ 12 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
تۇربۇت توققۇز گرام، ئايارەج پەيقىرا، سېرىق ئوت ئىككى گرامدىن، سۆرۈنجان بەش گرام، ماھى زەھرەج، زەنجىۋىل ئۈچ گرامدىن، سوقمۇنىيا، مۇقەل ئىككى گرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇدا يۇغۇرۇپ پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
يۇقىرىدىكى ئۆلچەم بويىچە تەييارلانغان دورىنى ئىككىگە بۆلۈپ، ئىككى كۈن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
زەنجىۋىل، قەلەمپۇر، دارچىن، جويۇز، لاچىندانە، قارىمۇچ، پىلپىل، سىيادان، ئارپىبەدىيان، خولىنجان بىر ھەسسىدىن، مۇدەببەر قىلىنغان كۇچۇلا ھەممە دورا مىقدارى بىلەن تەڭ. ھەسەل ھەممە دورا مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىچىلىك.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 1 ~ 2 گرامدىن ئىچىلىدۇ(10 ياشتىن تۆۋەنلەرگە بېرىلمەيدۇ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
كاللىسى تېز ئىشلەپ كەتمەيدىغان، ئەقلى كەم؛ كالۋا، دۆت.
- نىياز نېمىدېگەن لەقۋا نەرسە - ھە؟
پالەچ، پالاكەت، زەئىپ.
- ئۇ لەقۋا ئىكەن، تېز ماڭالمايۋاتىدۇ.