Uyghurئاساسىي لۇغەت
لەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يۈزمىڭ:
كى ھېساب ئىچرە بار ئېدى ئون لەك،
ھەرلەكى ئون تۈمەن كېلىپ بىشەك.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يۈز مىڭ؛ قۇرۇق گەپ، سەپسەتە، داغ، چېكىم - چېكىم.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سان بىرلىكى <لەك مىڭ> بولۇپ، 100 مىليوننى بىلدۈرەتتى. ھىندىستانلىقلاردا بۇنىڭدىنمۇ كۆپ مىقدارلىق ساننى ئىپادىلەيدىغان بىرلىكلەر بولغان. مەسىلەن: ھىندىستاندا 100 مىڭ - بىر لەك؛ 100 لەك - بىر كۇرۇر؛ 100 كۇرۇر - بىر ئەرب؛ 100 ئەرب - بىر كەرب؛ 100 كەرب - بىر نىل؛ 100 نىل - بىر پەدەم؛ 100 پەدەم - بىر سانگ بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سان
ھىندىچە
100 مىڭ؛ 10 تۈمەن.
ئۇنىڭغا يەنە گۈزەلشاھ ئەۋەتكەن بىرلەك ئەسكەر كېلىپ قوشۇلدى.