Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لەن شاڭ
دائىرە: دۇنيا تارىخى南掌
nán zhǎng
لائوستىكى قەدىمكى دۆلەت.1353-يىلى تەيزۇ مىللىتىنىڭ باشلىقى فالوڭ تەرىپىدىن قۇرۇلغان. پايتەختى موڭسىۋا شەھىرى. تېررىتورىيىسى ھازىرقى لائوس ۋە تايلاندنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ھېنايانا بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان.1478-يىلى ۋيېنتىيانلىقلانىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان ⅥⅩ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۆلەت مۇقىملىشىپ، ئقتىسادىيمەدىنيىتى تەرەققىي تاپقان. 1545-يىلى چىڭمەينى كونترول قىلغان. 1563-يىلى پايتەختىنى ۋيېنتىيانغا كۆچۈرگەن. بىرما ئارمىيسى تەرىپدىن ئىشغال قىلىنىپ بىرمىغا قارام بولۇپ قالغان. 1593 - يىلى قايتىدىن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. ⅦⅩ ئەسرنىڭ باشلىرىدا پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. سۇلىگنا ۋوڭسا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللرى (1637 - 1694) تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيىتى تەرەققى تاپقان؛ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن دوستانە بېرىش - كېلىش قىلغان، دۆلەت ئەھۋالى ياخشىلانغان. 1707 - يىلى ئىچكى ئۇرۇش بولغانلىقتىن لۇئاڭ پراباڭ ۋە ۋيېنتىياندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە پارچىلىنىپ كەتكەن. 1713 - يىلى چامپاسساك دۆلىتى مۇستەقىل بولغان، شۇنداق قىلىپ ئۈچ دۆلەتنىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.