Uyghurئاساسىي لۇغەت
لەن شاڭ
دۇنيا تارىخى
لائوستىكى قەدىمكى دۆلەت.1353-يىلى تەيزۇ مىللىتىنىڭ باشلىقى فالوڭ تەرىپىدىن قۇرۇلغان. پايتەختى موڭسىۋا شەھىرى. تېررىتورىيىسى ھازىرقى لائوس ۋە تايلاندنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ھېنايانا بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان.1478-يىلى ۋيېنتىيانلىقلانىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان 16 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۆلەت مۇقىملىشىپ، ئقتىسادىيمەدىنيىتى تەرەققىي تاپقان. 1545-يىلى چىڭمەينى كونترول قىلغان. 1563-يىلى پايتەختىنى ۋيېنتىيانغا كۆچۈرگەن. بىرما ئارمىيسى تەرىپدىن ئىشغال قىلىنىپ بىرمىغا قارام بولۇپ قالغان. 1593 - يىلى قايتىدىن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 17 - ئەسرنىڭ باشلىرىدا پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. سۇلىگنا ۋوڭسا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللرى (1637 - 1694) تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيىتى تەرەققى تاپقان؛ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن دوستانە بېرىش - كېلىش قىلغان، دۆلەت ئەھۋالى ياخشىلانغان. 1707 - يىلى ئىچكى ئۇرۇش بولغانلىقتىن لۇئاڭ پراباڭ ۋە ۋيېنتىياندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە پارچىلىنىپ كەتكەن. 1713 - يىلى چامپاسساك دۆلىتى مۇستەقىل بولغان، شۇنداق قىلىپ ئۈچ دۆلەتنىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.