Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
类脂质
بىئولوگىيە
ياغسىمان ماددىلار
ياغلار، فوسفاتىد، ستېرول، موم قاتارلىق جانلىقلارنى تۈزگۈچى ماددىلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر. سۇدا ئېرىمەسلىكىدىن باشقا ئىسپىرت، ئېفىر، خلوروفورم، بېنزول قاتارلىق ئېرىتكۈچىلىرىدە ئېرىيدىغان ئورتاق ئالاھىدىلىكىدىن باشقا ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ فىزىكا، خىمىيىلىك خۇسۇسىيەتلىرى ئوخشىمايد. فوسفاتىد، گلىكوزىدلىپىد ۋە خولېستېروللار پەردىنىڭ تۈزۈلۈشىنى تۈزگۈچى ياغسىمان ماددىلارنىڭ مۇھىم تۈزگۈچى تەركىبىدۇر. پەردە تۈزۈلۈشىدىكى ياغسىمان ماددا - ئاقسىل سىستېمىسىدا پەردە تۈزۈلۈشىنىڭ ئالاھىدىلىكلىكى پەردىدىكى ئاقسىللارنىڭ تۈزۈلۈشىگە باغلىق بولسىمۇ، لېكىن ياغسىمان ماددىنىڭ تەركىبى ئۆزگەرسە، ئۇنىڭ فۇنكىسىيىسى ئۆزگىرىدۇ، چۈنكى فوسفاتىدلار ئاقسىللارنىڭ كونفورماتسىيىسىگە تەسىر قىلىدۇ.