Uyghurئاساسىي لۇغەت
لاۋال موسسولىن كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
يەنى <فرانسىيە - ئىتالىيە رىم كېلىشىمى> دەپمۇ ئاتالغان. فرانسىيە بىلەن ئىتالىيە ئافرىقىدا تەسىر دائىرىسىنى بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن ئىمزالىغان شەرتنامە. فرانسىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋال بىلەن ئىتالىيەنىڭ باش ۋەزىرى موسسولىن 1935 - يىل 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى رىمدا ئىمزالىغان. ئاساسىي مەزمونى ئىتالىيەگە قاراشلىق لىۋىيە بىلەن فرانسىيەگە قاراشلىق غەربىي ئافرىقا ۋە ئېكۋادور گۋىنېيىسىنىڭ چېگرىسىنى ئۆزگەرتىپ، 114 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كۆلەمدىكى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنى ۋە فرانسىيىگە قاراشلىق سومالى بىلەن ئېرىترېيە چېگرىسىدىكى 800 كۋادرات كىلومېتر (ماندېب بوغۇزىدىكى دۇموۋىئا ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جايىنى ئىتالىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىللە، فرانسىيە ئىتالىيەنىڭ جىبۇتى - ئەددىس - ئەبېبە تۆمۈريولىنىڭ يىگىرمە پىرسەنت پاي چېكىگە ئىگە بولۇشىغا قوشۇلغان ھەمدە جىبۇتى پورتىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلغان. ئىتالىيە ئىتالىيىلىكلەرنىڭ تۇنىستىكى ئىمتىيازلىق ئورنىنى 30 يىل ئىچىدە تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قوشۇلغان. ئىككى تەرەپ <ئاۋسترىيەنىڭ مۇستەقىللىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى تەھدىتىگە ئۇچرىغان چاغ>دا مەسلىھەتلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ كېلىشىمنى ئىتالىيە 1938 - يىلى 12 - ئايدا ئۆز ئالدىغا ئەمەلدىن قالدۇرغان.