Uyghurئاساسىي لۇغەت
لاۋا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يانار تاغنىڭ پارتىلىشىدىن چىققان ۋۇلقان لاۋۇسى، ماگما.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
لاتقا، چاۋار، چاتقا.
لاۋا - لاتقىلارنى سۈپۈرۈۋەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆي - جاي، ھويلا - ئارام، كوچا - كويلاردىكى تاشلاندۇق، مەينەت، سۈپۈرۈندى نەرسىلەر.
ئەخلەت ساندۇقى. ئەخلەت ماشىنىسى. ئىككى خوتۇنلۇق ئۆينىڭ ئەخلىتى تىزغا كېلىدۇ. نام - ئاتاق، شان - شەرەپ، شاد - خۇراملىق، مال - دۇنيا دېگەنلەر دوستلۇق ئالدىدا ئەخلەت - چاۋاردۇر. ئەخلەت - ئۇخلەتلەرنى تازىلاش ھەربىر كىشىنىڭ ھەققى ۋە مەجبۇرىيىتى. چاۋار - چاتقاللار تازىلاپ چىقىرىلمىسا، ئورمان ئوڭشالماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋولقاندىن ئېتىلىپ چىققان ئېرىگەن تاغ جىنىسى.
فىلىپپىندا يانار تاغ پارتىلىغاندا چىققان لاۋا يىراقلارغا چېچىلىپ، ئاھالىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<ئىتالىيانچە
گىئولوگىيە
يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان قىزىق ماگما. تەركىبى سىلىكاتنى ئاساس قىلىدۇ. سوۋۇغاندىن كېيىن تاغ جىنىسىغا ئايلىنىدۇ. يەر يۈزىدە كۆپ خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دەرەخ شېخى، يوپۇرمىقى، ئەسكى - تۈسكى قەغەزلەر ۋە گەندە، قىغ قاتارلىق چىرىگەن ئەخلەتلەر.