Uyghurئاساسىي لۇغەت
لاسسى
دۇنيا تارىخى
(1) پېتر پېتروۋىچ لاسسى (1678 - 1751) روسىيە مارشالى. ئىرلاندىيىدە تۇغۇلغان. ئەسلىدە ئەنگلىيە، ئاۋسترىيە ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1700 - يىلى روسىيە ئارمىيىسىگە قاتناشقان، ئۇزۇن ئۆتمەي شىمال ئۇرۇشىغا قاتناشقان.1729 - يىلى رىگا ئوبلاستىنىڭ گوبېرناتورى بولغان. روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە (1735 - 1739) روسىيە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، تۈركىيە ۋە قىرىم خانلىقى ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئازوۋنى تارتىۋالغان. روسىيە - شۋېتىسيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە (1741 - 1743) روسىيە ئارمىيىسىگە باشچىلىق قىلىپ بىرقانچە قېتىم غەلىبە قازىنىپ، شۋېتسىيە ئارمىيىسىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبور قىلغان. 1744 - يىلىدىن باشلاپ لىفلياندىيەنىڭ گوبېرناتورى ۋە تۇرۇشلۇق ئارمىيىنڭ باش قوماندانى بولغان. (2) لوئىس دې لاسى (1775 - 1817). ئىسپانىيىلىك ھەربىي. ئەسلى يۇرتى ئېرلاندىيە. ناپالېئون ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1807 - يىلى مۇرات بىلەن بىللە ئىسپانىيىگە بارغان، ئىسپانىيەنىڭ فرانسىيەگە قارشى ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن ئىسپانىيە ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1811 - يىلى كاتالونىيەنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. فېردىناند Ⅶ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا قارشى چىققانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن بوشىتىۋېتىلىپ، بارسېلونادا تەركىدۇنيا بولۇپ ياشىغان. 1817 - يىلى 4 - ئايدا بوس (1770 - 1829) بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى مەخپىي پىلانلىغان. خائىننىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشى بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. لاسسى قولغا ئېلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.