Uyghurئاساسىي لۇغەت
لاس كاساس
دۇنيا تارىخى
(1474 - 1566) ئىسپانىيە دومىنكو جەمئيىتنىڭ مىسسىئونېرى، تارىخشۇناس. سېۋىلىيىدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1502 - يىلى گايتى ئارىلغا بېرىپو تېرىقچىلىق مەيدانى قۇرغان. 1511 - 1514 - يىللىرى ئىسپانىيىلىك مۇستەملىكىچى ۋېلاسكېس بىلەن بىللە كۇباغا بارغان، كېيىن يەنە ۋېنسۇئېلا ۋە گۋاتېمالاغا بېرىپ دىن تارقاتقان. 1544 - 1547 - يىللىرى مېكسىكا چىئاپاس رايونىنىڭ ئېپىسكوپى بولغان. ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى زوراۋانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئىندىئانلارنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىگە ھېداشلىق قىلىپ، ئىسپانىيە كورۇلىدىن ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشتا بىرقەدەر تەرەققىيپەرۋەر سىياسەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىنىڭ ھالاكىتى> ۋە <غەربىي ھىندى تارىخى> بار.