Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لامارتىن
دۇنيا تارىخى
拉马丁
lā mǎ dīng
(1790 - 1869) فرانسىيىلىك سىياسىي ئەرباب، تارىخشۇناس، رومانتىزمچى شائىر. ماكون شەھىرىدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە دىنىي تەربىيە ئالغان. ناپولېئون ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە، ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ ھۆكۈمەتتە خىزمەت ئۆتىشىنى توسۇغاچقا، بىكارچىلقتا ھەرقايسى جايلارنى ساياھەت قىلغان ھەمدە يېزىقچىلىقنى باشلىغان. بوربون خاندانلىقى تىرىلگەن چاغدىلا ئارمىيىگە قاتناشقان. 100 كۈنلۈك خاندانلىق دەۋرىدە شۋېتسارىيىگە قېچپ كەتكەن. 1820 - يىلى <خىياللار> ناملىق ئەسىرىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، فرانسىيە ئەدەبىيات ساھەسىدە نام چىقىرىپ، رومانتىزملىق لىرىك شېئىرنىڭ ئاساسچىسى دەپ ماختالغان. شۇ يىلى دىپلوماتىيە ساھەسىگە كىرىپ، ئىتالىيىدە تۇرغان، ئون يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1829 - يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە تاللىنپ كىرگەن. 1833 - يىلدىن باشلاپ پارلامېنتقا كىرگەن. سىياسىي كۆز قاراش جەھەتتە تەدرىجىي ئىلگىرلەپ، مۇتەئەسسىپ مونارخىستتىن جۇمھۇرىيەتچىگە ئۆزگەرگەن. 1847 - يىلى <گروندىچىلارنىڭ تارىخى> دېگەن ئەسەرنى يېزىپ، سول قانات پارتىيىدىكىلەرنىڭ قىزغىن ماختىشىغا ئېرىشكەن. 1848 - يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولغان. ئىيۇن قوزغىلىڭى ۋاقتىدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 12 - ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا لۇئى بوناپارتقا ئۇتتۇرۇپ قويغان. 1851 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە پارلامېنت ئەزاسى بولغان. كېيىن نامراتلىشىپ يېزىقچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئەسەرلىرىدىن نۇرغۇن شېئىرلار توپلىمى، ھېكايە ھەمدە <سىياسىي ئەسلىمە> ۋە <ئاساسىي قانۇنچىلار تارىخى>، <تىرىلىش دەۋرىنىڭ تارىخى>، <روسىيە تارىخى>، <تۈركىيە تارىخى> قاتارلىقلار بار