Uyghurئاساسىي لۇغەت
لاكتوزا
بىئولوگىيە
بىر مولېكۇلا گلۇكوزا بىلەن بىر مولېكۇلا گالاكتوزا ھەر قايسىنىڭ (C 4 ۋە C 1) گىدروكسىل رادىكاللىرىنىڭ گلۇكوزىد بېغى ئارقىلىق تۇتىشىشىدىن ھاسىل بولىدىغان دى ساخارىد بولۇپ، مولېكۇلىسىدا ئەركىن ئالدېگىد رادىكالى بولغانلىقتىن، ئوكسىدسىزلاش، ئوزازون ھاسىل قىلىش رولى بولىدۇ. لاكتوزا α - ۋە β - تىپلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل تۈزۈلۈشلۈك بولغانلىقتىن، نۇر بۇرىشى ئۆزگىرىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. لاكتوزا نۇرنى ئوڭغا بۇرايدىغان بىر خىل قەنت بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇر بۇرا دەرىجىسى + 53.3 ° بولىدۇ. ئۇنى ئېچىتقۇ ئېچىتالمايدۇ، ئېچىغان كالا سۈتىدە يەنى كىسلاتالىقنى خالايدىغان لاكتىك كىسلاتا تاياقچە باكتېرىيىسى ئۇنىڭدا ئېچىپ لاكتىك كىسلاتانى ھاسىل قىلىدۇ. ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ سۈتىدە بولىدۇ. سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان لاكتوزا كۆك سۈتتىن ئايرىۋېلىنىدۇ. بۇۋاقلارنىڭ يېمەكلىكلىرى، قەنت - گېزەك، مارگارىن قاتارلىقلارنى تەييارلاشتا ئىشلىتىلىدۇ، تىببىي دورىگەرلىكتە تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچ قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛لاتىنچە
خىمىيە
بىر خىل ئورگانىك بىرىكمە. مولېكوللا فورمۇلىسى C12H22O11. ئاق رەڭلىك كرىستال ياكى پاراشوك. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ سۈتىدە بولىدۇ، ئادەم سۈتىدە %5 - %8 لاكتوزا بار. ئادەتتە بالىلار يېمەكلىكلىرى ۋە دورا ماتېرىياللىرىنى تەييارلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.