Uyghurئاساسىي لۇغەت
لاك
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سىر؛ ياغاچ چۆچەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<خىم> سمولا، زىغىر يېغى ياكى سكىپىدار قاتارلىقلاردىن ئىشلەنگەن بىر خىل سىر. رەڭسىز كېلىدۇ. ئادەتتە ياغاچ جابدۇقلارنىڭ يۈزىگە سۈركىلىدۇ. بۇ چاغدا جابدۇق يۈزىدە بىر قەۋەت سۈزۈك پەردە ھاسىل بولۇپ، ياغاچنىڭ ئەسلىي يوللىرى ئېنىق كۆرۈنىدىغان بولىدۇ.
كۆزنىڭ چۆرىسىگە سۈركۈلىدىغان قارا رەڭلىك پەرداز بۇيۇمى.