Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۇئاسىمودو
دۇنيا تارىخى
(1901 - 1968) ئىتالىيىلىك شائىر، تىياتىر ئوبزورچىسى. سىتسىلىيىدە تۇغۇلغان. رىم ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ سانائەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. كېيىن قۇرۇلۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. لېكىن پۈتۈن كۈچى بىلەن شېئىر ئىجادىيىتى ۋە يۇنان، لاتىن يېزىقلىرىنى تەتقىق قىلغان. 1930 - يىلى <سۇ ۋە تۇپراق> شېئىرلار توپلىمى تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغان. 1935 - يىلىدىن باشلاپ مىلان مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا ئەدەبىياتتىن دەرس ئۆتكەن. 1938 - يىلى <دەۋر> ژورنىلىنى تۈزگەن. ئۇ 30 - يىللاردىكى ئىتالىيە چۈشىنىكسىزلىك تەرەپدارلىرىنىڭ ۋەكىلى. ئۇ، سۆزنىڭ سېھرىي كۈچى بولىدۇ. <مۇتلەق سۆز> بولىدۇ؛ سۆز - ئىبارىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە باغلىنىشىغا تايىنىپ، ھېسسىياتنى يەتكۈزۈپ، ئويلاپ باقمىغان ئۈنۈمگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. 1959 - يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ <كۈنلەر>، <تۇرمۇش چۈش ئەمەس>، <ھەقىقىي يېشىللىق ۋە يالغان يېشىللىق>، <شائىر ۋە سىياسەتۋاز> قاتارلىق ئەسەرلىرى ھەمدە يۇنان، لاتىن، ئىنگلىز ۋە فرانسۇز تىللىرىدىن تەرجىمە قىلغان كۆپ خىل ئەدەبىي ئەسەرلىرى بار.