Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۇئالالۇمپۇر دۆلەت مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مالايسىيادىكى مەشھۇر مەسچىت بولۇپ، ئورنى كۇئالالۇمپۇر شەھىرىنىڭ مەركىزىدە. بۇ مەسچىت 19 - ئەسىردە سېلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 55 مىڭ كۋادرات مېتىر، ئۈستىدە چوڭ - كىچىك 49 گۈمبەز بار. ئەڭ چوڭ گۈمبەزنىڭ دىئامېتىرى 45 مېتىر بولۇپ، نۇر چېچىپ تۇرغان 18 يۇلتۇز كۆرۈنىدۇ. بۇ يۇلتۇزلار پۈتۈن دۆلەتتىكى 13 شتاتقا ۋە ئىسلام دىنىنىڭ بەش پەرزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەسچىت ئىچىدە كۆل ۋە فونتان بار. كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا ياسالغان 73 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئۇچلۇق مۇنار كۆككە تاقىشىپ تۇرىدۇ. سەككىز مىڭ ئادەم سىغىدىغان قىرائەتخانىسى بار، زىننەتلىنىش شەكلى مەسچىتى ھەرامنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسيادىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.