Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۇفرلىق
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىلمىي تەۋھىد ئاتالغۇسى بولۇپ، ئەسلىي مەنىسى « نائىنساپلىق »، « دەھرىلىك » دېگەنلىك بولۇپ، « ئاللاغا ئىشەنمەسلىك »، « پاسىق » دېگەندەك مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ. كۇفرلىق ئىمان بىلەن زىت بولۇپ، « ئېتىقاد »، « تىل » « ھەرىكەت » تىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئىپادىلىنىش شەكلىگە ئايرىلىدۇ. ئېتىقاد جەھەتتىكى كۇفرلىقتىن ئاللاغا ئېتىقاد قىلغاندىن سىرت، باشقا شەيئىلەرنىمۇ ئىلاھ قىلىۋېلىش، مەسىلەن، بۇتپەرەسلىك قىلىش، ئادەملەرگە تېۋىنىش، سېھىرگەرلىككە، پالچىلىققا، تەلەيگە قاراشقا ئىشىنىش قاتارلق بىدئەتلىكلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ؛ تىل كۇفرىلقتا ئاللاغا، ساماۋى كىتابلارغا ۋە پەيغەمبەرگە تىل تەككۈزۈش، ئەقىدە، شەرىئەتكە قارشى تۇرىدىغان ياكى ئۇلارنى ئىنكار قىلىدىغان سۆزلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھەرىكەت جەھەتتىكى كۇفرىلىق دېگەن قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق، ئوغرىلىق، زىناخورلۇق قىلىش، ھاراق ئىچكەندە ئاللانىڭ نامىنى زىكرى قىلىش، كىتابنى خارلاش، دىنىي پەرزلەرنى سەۋەبسىز ئادا قىلماسلىق قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شەرىئەتنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى ئۈچ خىل كۇفرىلىقنىڭ خاراكتېرىدە ۋە ئەھۋالىدا يېنىك _ ئېغىرلىق پەرقى بولىدۇ. مەقسەتسىز ياكى بىلىمسىزلىكتىن سادىر قىلغان كۇفرلىقنىڭ خاراكتېرى يېنىك بولۇپ، گۇناھى سەغىر ھېسابلىندۇ. تۆۋە قىلىپ، ئاللانىڭ مەغپىرەت قىلىشنى تىلىسە بولىدۇ. مەقسەتلىك سادىر قىلغان كۇفرلىق گۇناھى كەبىر ھېسابلىندۇ. بۇنىڭ بەزلىرىگە چىن دىلىدىن تۆۋە قىلىپ، مەڭگۈ قايتا سادىر قىلماي، ئاللادىن مەغپىرەت قىلىشنى تىلىسە بولىدۇ. جۈملىدىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى جانغا جان تۆلىشى ياكى خۇن ھەققى تۆلەپ جازالىنىشى كېرەك. دىندىن يۈز ئۆرۈش خاراكتېردىكى كۇفرلىقنى سادىر قىلغان، مەسىلەن، ئاللاغا ئىمان ئېيتىشتىن ۋاز كېچىپ، بۇتلارغا ئىمان ئېيتىشتىن ۋاز كېچىپ، بۇتلارغا سەجدە قىلغان، كۆپ ئىلاھقا ئېتىقاد قىلغان ھەمدە تۆۋە قىلىشنى خالىمىغانلار شەرىئەت بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ ھەمدە ئۇنداقلارنىڭ مال _ مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.