Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۇفە مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى ئىراقتىكى كۇفەدە. بۇ مەسچىت 638 - يىلى سېلىنغان. ئىسلام دىنى ئىراقتىن ئىران، ئوتتۇرا ئاسيا ۋە ھىندىستانغا ئومۇملىشىش داۋامىدا بۇ مەسچىت بەسرە مەسچىتى بىلەن بىللە بۇ رايوندىكى ئىسلام مەركىزى بولدى. ئەينى يىللاردا مەسچىتتە مېھراب ۋە مۇنبەر يوق ئىدى. «قۇرئان كەرىم» نىڭ «ئوسمانىيە نۇسخىسى» مۇشۇ مەسچىتتىمۇ ساقلاندى.