Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۈلەلمىگەن ھالىڭغا ھىجايما
دائىرە: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەربۇ، ھەر كىم قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشنى قىلىمەن دەپ پو ئاتماسلىق، كۈچىمەسلىك كېرەك، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: - كۈلەلمىگەن ھالىڭغا ھىجايما دېگەندەك، بۇ دىۋانە لاچىننى گۆش بىلەن باقارمىش، ئۇنداق قىلغۇچە تاپقان گۆشنى قورسقىغا يېسىچۇ! ھالىغا باقماي، لاچىن كۆتۈرۈشنى كىم قويدى ئۇنىڭغا؟! - دېدى ھەمراھباي ئۆزىچە.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.