Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كىش
تارىخ
霍什
huò shénDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
启什
qǐ shén
دۇنيا تارىخى
基什
jī shén
مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى سۇمېرلار قەدىمىي شەھىرى. ھازىرقى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھىللانىڭ شەرقىگە تەخمىنەن 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، ھازىرقى خارابىلەر ئۇھائىمېر يەنى ھىللانى مەركەز قىلىپ، باندار، ستېلا قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان. 1816 - يىلى تېپىلغان، 1852 - يىلدىن باشلاپ قېزىلغان. خارابىنىڭ دائىرىسى تولىمۇ كەڭ، چىققان نەرسىلەر ئىنتايىن كۆپ. قېزىش ئارقىسىدا، ناھايىتى زور نەتىجە ھاسىل قىلىنغان. (1) ئۇر خارابىسىغا ئوخشاش ئۈچ قەۋەت كەلكۈن ئىزى مەلۇم بولغان؛ (2) نۇرغۇنلىغان سېغىز لاي مەتبەلىك يېزىلمىلار تېپىلىپ، تەتقىقات خىزمىتى ئۈچۈن يازما ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بېرىلگەن؛ (3) <A> جامائەت قەبرىستانلىقى ۋە بىر مۇنچە قەبرىلەر ئېچىلىپ، شۇ زاماندىكى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ماددىي ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بېرىلگەن؛ (4) ئۆي - جايلار ئىزلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىناكارلىقنىڭ تەرەققىياتى ۋە كېسەكلىرىنىڭ شەكلى، ئىشلىتىلگەن دەۋرى توغرىسىدا ئىشەنچلىك ئاساس يەتكۈزۈپ بېرىلگەن.