Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كرودىيە جەمئىيىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى克罗地亚协会
kè luó dì yà xié huì
ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىردىكى كرودىيە ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتى. 1824 - يىلى مەشھۇر بولغان ئىللىرىيە ئېقىمى ئەربابلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان. دەسلەپ <ئىللىرىيە جەمئىيىتى> دەپ ئاتىلىپ زاگرىبدا داڭقى چىققان. كرودىيە تىلىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى نەشىر قىلش ۋە تارقىتىشنى پىلانلىغان. 1874 - يىلى <كرودىيە جەمئىيىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن. جەمئىيەتنىڭ پائالىيىتى كروسىيە تىل - يېزىقى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىقابىي رول ئوينىغان ھەمدە ئىلىم پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە مائارىپنى كېڭەيتىش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.