Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كرودىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
欧洲
克罗地亚
kè luó dì yà
تاغ چوققىسى ئادىمى
كرودىيىنىڭ تولۇق نامى <كرودىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، سابىق يۇگوسلاۋىيىنىڭ غەربىي شمالىغا جايلاشقان، ئادىرىئاتىك دېڭىزىغا تۇتۇشىدۇ. دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن، مىللەت نامى مىلادى يەتتىنچى ئەسىردە شۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان Croats لارنىڭ نامىدىن كەلگەن. Croats لار نامىنىڭ مەنبەسى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئېھتىمال شۇ مىللەت تىلىدىكى Sharvat سۆزىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ مەنىسى <قوراللانغان> ياكى سلاۋيان تىلىدىكى gor (تاغ) سۆزىدىن ۋە ياكى كاراپات تاغ تىزمىسى ( Carpathians) نىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئىنگلىزچىدىكى Croatia سلاۋيان تىلىدىكى Chrawat سۆزىدىن تۈرلىنىپ كەلگەن بولۇپ، <تاغ چوققىسى ئادىمى> دېگەن مەنىدە. كرودىيە مىلادى يەتتىنچى ئەسىردە دۆلەت قۇرغان، 1102 - ۋېنگرىيە بىلەن بىرلەشكەن، 1527 - يىلى ۋېنگرىيە تۈركىيىگە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھاسىبورگ سۇلالىسىنىڭ [{34}] ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1866 - يىلى پروسىيە - ئاۋستىرىيە ئۇرۇشىدا ئاۋسترىيە مەغلۇپ بولۇپ، ئاۋستىرو - ۋېنگر ئىمپېريىسى قۇرۇلۇپ كرودىيە يەنە ۋېنگرىيىگە قوشۇۋېلىنىپ، ئاۋسترو - ۋېنگر ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تاكى ئىمپېرىيە يىمىرىلگىچە تۇرغان. 1918 - يىلى 12 - ئايدا سېربىيە - كرودىيە - سىلوۋېنىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلۇپ، 1929 - يىلى يۇگوسلاۋىيە دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1941 - يىلى 4 - ئايدا گېرمانىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرى يۇگوسلاۋىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، فاشسىت گېرمانىيىسى زاگرېبتا <كرودىيە مۇستەقىل پادىشاھلىقى> نى قۇرغان، 1945 - يىلى فاشسىتلارغا قارشى كۈرەش غەلبە قىلىپ، كرودىيە يۇگوسلاۋىيە بىلەن بىرلەشكەن. 1991 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كرودىيە جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى يۇگوسلاۋىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
كرودىيىنىڭ يەر مەيدانى 56.5 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 4 مىليون 800 مىڭ، كۆپچىلىكىنى كروئاتلار (خورۋاتلار) تەشكىل قىلىدۇ. كروئات تىلىنى قوللىنىدۇ، پايتەختى زاگرېب.
كرودىيە مىللىتى جەنۇبىي سلاۋيان مىللىتىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، 925 - يىلى تومى سلاۋيان قەبىلىسى كرودىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ جەنۇبىدىكى سلاۋيانلار قۇرغان تۇنجى فېئودال پادىشاھلىق دۆلىتى 12 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كرودىيە 1918 - يىلى ئاۋىستىرىيە - ۋېنگرىيە ئىمپىرىيسى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يوقالغانغا قەدەر ۋېنگرىيىگە بويسۇنغان. 1918 - يىلى دېكابىردا، كرودىيە ئۆزىگە چىگىرداش سېربىيە ۋە سلوۋېنىيە بىلەن بىرلىشىپ، بىرلىككە كەلگەن جەنۇبىي سلاۋيان دۆلىتى قۇرغان. كېيىن نامىنى يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يۇگوسلاۋىيە باشقىلار تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنغان؛ گېرمانىيە، ئىتالىيە فاشىسىتلىرى قورچاق ھۆكۈمەتنى يۆلەپ < مۇستەقىل كرودىيە دۆلىتى > قۇرغان. 1945 - يىلى مايدا، يۇگوسلاۋىيە ئازاد بولۇپ، كرودىيە يۇگوسلاۋىيە بىرلەشمىسىنىڭ بىر جۇمھۇرىيىتى بولغان. 1991 - يىلى ئىيۇندا يۇگوسلاۋىيىدىن ئايرىلىپ ئۆزىنىڭ مىللىي دۆلىتىنى قۇرغان. كرودىيە دۆلەت بايرىقىغا قىزىل، ئاق ۋە كۆك پان سلاۋيان تۈسىدىكى رەڭنى ئىشلىتىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قىزل، ئاق ۋە كۆك پاراللېل ئۇزۇن چاس بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا بىر دۆلەت گېرب سىزىلغان. قىزىل رەڭ خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئاق رەڭ تىنىچلىق ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشنىڭ سىمۋولى بولغان. كۆك رەڭ ئەركنلىك ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن.
دۆلەت گېربى بىر قالقاب بولۇپ، قالقانغا 25 ئاق ۋە قىزىل كاتەكچە سىزىلغان. كرودىيىلىكلەر ياقتۇرىدىغان بۇ نۇسخىدا سالماق ھەم ئېسىل ۋىزانتىيە ئۇسلۇبىنىڭ كرودىيە مەدەنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر تەسىرى ئىپادىلەنگەن؛ قىزىل ۋەئاق رەڭ پان سلاۋيان تۈسى بولۇپ، دۆلەت بايرىقى بىلەن ئوخشاش. قالقانسىمان گېربىنىڭ ئۈستىدە تاجىسىمان بەش قالقان بولۇپ، قەدىمكى كرودىيە پادىشاھلىقىنىڭ بەش ئۆلكە ۋە ئاپتۇنۇم رايونغا سىمۋول قىلىغان. قالقاننىڭ يۈزى ئالتە بۇرجەكلىك يۇلتۇز، ھىلال ئاي، بېشىغا تاج كىيگەن سېرىق شىر، ئاق مۆڭگۈزلۈك تېكە ۋە سولغۇن بىلەن بېزەلگەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى,تارىخ
克罗地亚
kè luó dì yà