Uyghurئاساسىي لۇغەت
كوۋېنترىنى بومباردىمان قىلىش
دائىرە: دۇنيا تارىخىئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسى ئەنگلىيەنىڭ ئاۋىئاتسىيە شەھىرى - كوۋېنترىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئۇزاققىچە بومباردىمان قىلغان. 1940 - يىلى 8 - 10 - ئايلاردىكى برىتانىيە ئۇرۇشىدا، ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيسىنىڭ قارشىلىقى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەنگلىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش پىلانىنى بىر نەچچە قېتىم كەينىگە سۈرۈشكە مەجبور قىلغان. 1940 - يىل 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن باشلاپ بومباردىمان قىلىش مەركىزىي لوندوندىن كوۋېنترىغا يۆتكەلگەن. ئۇزاققىچە بومباردىمان قىلىش نەتىجىسىدە، كوۋېنترى بەكمۇ زور زىيان تارتقان. 1941 - يىل 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملق مەركەزلىك بومباردىمان قىلىشتىن كېيىن، ئەنگلىيە زېمىنىدىكى ھاۋا ئۇرۇشى ئاساسەن ئاخىرلاشقان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.