Uyghurئاساسىي لۇغەت
كوۋىليا
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1450 - 1540)پورتۇگالىيىلىك سەيياھ. 1487 - يىلى پورتۇگالىيە كورۇلى يوئاۋ Ⅱ نىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن، ئىتالىيە بىلەن مىسىرنى كېسىپ ئۆتۈپ، شەرققە سەپەر قىلىپ، ئەپسانىلەردىكى خرىستىئان پادىشاھى جوننى ئىزدىگەن. 1488 - يىلى ھىندىستاننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىغىچە بېرىپ، كالىكۇت قاتارلىق شەھەرلەرنى زىيارەت قىلغان. يەنە مۇزامبېكنىڭ دېڭىز بويىدىكى سوفالاغىچە بارغانلىقى ئېھتىمال. سەپەر جەريانىدا ھەرقايسى جايلاردا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى يوئاۋ Ⅱ گە يازما دوكلات قىلغان. تەخمىنەن 1490 - يىلى ئېفىئوپىيىگە كېلىپ، ئۇلارنىڭ دوستانە كۈتۈۋېلىشى ۋە ئىشەنچىگە ئېرىشكەن، كېيىن شۇ دۆلەتتە قېرىپ ئۆلگەن. ئۇنىڭ ۋەتىنىگە ئەۋەتكەن دوكلادى داگامانىڭ 1498 - يىلدىكى غەربىي ياۋرۇپادىن ھىندىستانغىچە بولغان دېڭىز يولىنى ئېچىشىدا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغان.