Uyghurئاساسىي لۇغەت
كورسىرا
دۇنيا تارىخى
ئىئونىيە دېڭىزىدىكى ئىككىنچى چوڭ ئارال، كۆلىمى 643 كۋادرات كىلومېتىر. قەدىمدە كېركىرا دەپ ئاتالغان. ھازىر كورفۇ دەپ ئاتىلىدۇ. ئېپرۇس دېڭىز قىرغىقىدىن تەخمىنەن 40 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرىدۇ. قەدىمكى ئاھالىسى فائېسىيىلىكەر. مىلادىدىن 700 يىل ئىلگىرى گرېتسىيىنىڭ چوڭ شەھىرى كورىنتوستىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئىشغال قىلىۋالغان. ئارالدا ئاساسلىق ئىككى شەھەر بولۇپ، شەرقىي قىرغاقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كورسىرا (ھازىرقى كورفۇ)، شەرقىي شىمالدىكى كاسسىئوپ دەپ ئاتالغان. دېڭىز سودىسى قولاي بولغاچقا، تېزلىكتە قۇدرەت تېپىپ، ئەتراپتىكى دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدا مۇستەملىكىلىرىنى كېڭەيتكەن. ئاساسلىق مۇستەملىكىلىرى: شىمالدا ئېپىدامنۇس، ئاپوللونىيە، جەنۇبتا ئاناكتور، لېئۇكاس قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئارالنىڭ رولى بارغانسېرى زورايغانلىقتىن، كورىنتوس بىلەن رىقابەتلىشىپ، ئاخىرى ئۇرۇش پارتلىغان (مىلادىدىن 664 يىل ئىلگىرى). ئىچكى ئاقسۆڭەكلەر تەرەپدارلىرى بىلەن پۇقرالار تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا كۈرەش كەسكىنلەشكەن. كورىنتوسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئافىنادىن ياردەم سورىغان.ئافىنا بىلەن كورىنتوس ئوتتۇرىسىدا بۇرۇندىن ئىختىلاپ بولغاچقا، ئاخىرى پېلوپوننېس ئۇرۇشى (مىلادىدىن 431 يىل ئىلگىرى) نىڭ يۈز بېرىشىدىكى بىۋاستە ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. كېيىن زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ، ئېپرۇس قاتارلىق كۈچلەرگە بېقىندى بولغان. مىلادىدىن 229 - يىل ئىلگىرى بۇ ئارالنى رىم ئىشغال قىلىۋالغان. كائېسار مەزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى)، ئالپىس تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيىگە تەۋە بولغان؛ ئىمپېرىيە مەزگىلىدە يەنە ئىللۇرىيە مەمۇرىي رايونغا قوشۇۋېتىلگەن.