Uyghurئاساسىي لۇغەت
كوردىۋا جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئىسپانىيىدىكى مەشھۇر مەسچىتنىڭ ئىزى بولۇپ، كونا ئورنى كوردىۋادا. بۇ مەسچىتنى كېيىنكى ئۇمەييە سۇلالىسىدىكى ئابدۇرەھمان (756 - يىلىدىن 788 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) 786 -يىلى سالدۇرۇشنى باشلىغان، 793 - يىلى پۈتكۈزۈلگەن. ئىسپانىيە شەكلىدىكى ئۇچلۇق مۇنار سېلىنغان. بۇ مەسچىت Ⅹ-Ⅸ ئەسىرلەردە دۋاملىق كېڭەيتىلىپ، ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت ئىمارەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مۇرلار سەنئىتىنىڭ داڭلىق ئەسىرى ھېسابلانغان. مەسچىت تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، نامازخانىسى ئىچكىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تام تۇيىقى شەكلىدىكى ئىككى قەۋەتلىك ئەگمىنى 1293 تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. چوڭ خانىقا 19 ئۆيگە بۆلۈنگەن. ئازادە ئىبادەتخانىلار مەرمەر تاش ۋە ئالتۇن بىلەن زىننەتلەنگەن. 1236 - يىلىدىن كېيىن كاتولىك دىنىدىكى ۋاپات بولغان ئىلاھە ئانا چېركاۋىسىغا ئۆزگەرتىلگەن.