Uyghurئاساسىي لۇغەت
كونون
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 392 - 444) قەدىمكى ئافىنا قوماندانى. پېلوپوننېس ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە ئافىنا دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلغان. مىلادىدىن 405 يىل ئىلگىرى، ئېگىسپودام جېڭىدە سپارتانىڭ قوماندانى لىيساندېر تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغان. كېيىن سەككىز پاراخوتنى باشلاپ سىپۇرۇستا پاناھلانغان. ئۇرۇشتىن كېيىن سپارتا بىلەن پېرسىيە توقۇنۇشۇپ قالغاندا، پېرسىيىنىڭ بىر قىسىم فلوتىغا قوماندانلىق قىلىپ، مىلادىدىن 394 يىل ئىلگىرى كنىدوس (رود ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدا) تا سپارتا دېڭىز ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. ئىككىنچى يىلى ئافىناغا قايتىپ، ئافىنا سېپىلى ۋە بىرىيوس پورتىنى قايتا قۇرۇپ چىققان. سپارتا پېرسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، كونون بۇيرۇققا بىنائەن ئانتالكىداس (سپارتا ۋەكىلى)نىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلىگەچكە، پېرسىيە ئەرمىنىيە باش ۋالىيسى تىرىبازۇس تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنغان. بەلكىم ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. بەزىلەر سپىرۇسقا قېچىپ كېتىپ، شۇ يەردە ئۆلگەن دەيدۇ.