Uyghurئاساسىي لۇغەت
كونگو ئەركىن شتاتى
دۇنيا تارىخى
زايىرنىڭ بېلگىيە كورۇلى لېئوپولد Ⅱ نىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىكى نامى. ئافرىقىنى بۆلۈۋېلىش دولقۇنىدا، بېلگىيە، فرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ قوللىشىدىكى پورتۇگالىيە كونگو دەرياسى (زايىر دەرياسى) ۋادىسىدا كەسكىن تالىشىپ، بىر - بىرىگە زادى يول قويمىغان. 1885 - يىلى بېرلىن يىغىنى <خەلقئارالىق كونگو جەمئىيىتى> نىڭ بۇ رايوندىكى <ئىگىلىك ھوقۇقى>نى ئېتراپ قىلىپ، ئۇنى <كونگو ئەركىن شتاتى> دەپ ئاتىغان. لېئوپولد Ⅱ شەخس نامى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، دۆلەت باشلىقى بولغان. 1908 - يىلدىن باشلاپ بېلگىيە ھۆكۈمىتى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، <بېلگىيىگە قارام كونگو> دەپ ئاتالغان.