Uyghurئاساسىي لۇغەت
كومپېنساتسىيە
بىئولوگىيە
بەدەندىكى مەلۇم بىر ئورگان ياكى توقۇلما كېسەللىك ياكى زەخىملىنىش تۈپەيلىدىن نورمال فۇنكسىيىسىنى يۈرگۈزەلمەي قالغاندا، مۇناسىۋەتلىك قىسىملار ئورگانىزمنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ ئۆزىنىڭ پائالىيىتىنى بەلگىلىك دائىرە ئىچىدە كۈچەيتىش ئارقىلىق نۇقسانلارنى تولدۇرالايدۇ، بۇنداق فۇنكسىيە كومپېنساتسىيە (ئورنىنى بېسىپ ئىشلەش رولى) دېيىلىدۇ. مەسىلەن، بىر ياندىكى بۆرەك ئېلىۋېتىلسە يەنە بىر ياندىكى بۆرەكنىڭ ھەجىمى يوغىناپ، چىقىرىۋېتىش رولى كۈچىيىپ بەدەندىكى ئاجرىتىپ چىقىرىش فۇنكسىيىسىدىكى يېتەرسىزلىكنى تولۇقلايدۇ. يەنە مەسىلەن، تاجسىمان قان تومۇر خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ تاجسىمان تومۇرى تىقىلىپ قالغانلىقتىن يۈرەك تەمىنلەيدىغان قان يېتىشمەيدۇ، بۇ چاغدا يان شاخچە ئايلىنىش تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ يۈرەككە لازىملىق قان مىقدرىنى قامداپ يۈرەكنىڭ قان تەمىناتىنى تەدرىجىي تولۇقلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛لاتىنچە
تېبابەت
ئەزانىڭ مەلۇم بىر قىسمىدىكى توقۇلمىلاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەندە، ساغلام توقۇلمىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئورنىنى بېسىپ ئىشلەپ، مەزكۇر ئەزانى ئاجىزلاشتۇرماسلىق ئىقتىدارى. مەسىلەن، يۈرەك قاپقاقلىرىدا كېسەللىك پەيدا بولغاندا، يۈرەكنىڭ ھەرىكەت مىقدارى كۆپىيىپ كېتىپ، يۈرەكنىڭ ھەجمى يوغىناپ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا مەجبۇر بولغىنىغا ئوخشاش.