Uyghurئاساسىي لۇغەت
كوممۇنا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسلى باشلانغۇچ جەمئىيەتتە جەمئىيەت ئەزالىرى بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىپ، بىرلىكتە ئىستېمال قىلىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلات ئىدى. كېيىن كەڭ مەنە ئالدى.
«گۇڭشىې» خەنزۇچە: 公社
پارىژ كوممۇنىسى 1874 - يىل 18- مارتتىن 28- مايغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. ئىنسانىيەت ناھايىتى ئۇزاق زامان جامائەت تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن. جۇڭگودا خەلق گۇڭشېسى ھاكىمىيەت بىلەن ئىگلىك باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن تەشكىلات ئىدى. ئۇ 1958 - يىلدىن باشلاپ قۇرۇلۇپ، پارتىپە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدى.
دۇنيا تارىخى
مۇئەييەن شەكىلدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلغان ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى كىشلەرنىڭ ئورتاق گەۋدىسى. ھەرخىل ئىجتىمائىي فورماتسىيىلەردە مەۋجۇت بولغانىدى، لېكىن خاراكتىرى، ئورنى ھەرقايسىسىدا ئوخشاش ئەمەس ئىدى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى دەسلەپكى ئۇرۇقداشلىق كوممۇنا قاتارلىقلار بولسا ھەم ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدە، ھەم بەلگىلىك ئىجتىمائىي تەرەققىيات باسقۇچىدا ۋەكىللىك قىلىدۇ. قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا بەزى رايونلاردىكى شەھەر كوممۇنالىرى بىرخىل مۇستەقىل مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى شەكلىگە ياكى شەھەر دۆلىتى تەشكىلىي شەكلىگە مەنسۇپ بولغان. لېكىن كېيىنكى تارىخ تەرەققىياتىدا، مۇئەييەن ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ بېقىندىسى بولغان كوممۇنىنىڭ خاراكىتىرى، ئاساسىي يېتەكچىلىك ئورۇندا تۇرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى ۋە سىياسىي تۈزۈمگە باغلىق بولغان. مەسىلەن: ئۇزۇندىن بۇيان قۇللۇق جەمئىيەت، فېئوداللىق جەمئىيەت، كاپىتالىستىك جەمئىيەتتە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان يېزا كوممانلىرى ئەنە شۇنداقتۇر. جۇڭگودىكى خەلق كوممۇنىسى، كوللىكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تەشكىلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى ئاممىۋى، ئاپتونومىيىلىك ياكى باراۋەرلىك تۈسىنى ئالغان ئاپتونومىيە ئورگانلىرى، دىنىي تەشكىلاتلار، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ بەزى مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىلغان بىرلىكلىرىمۇ كوممونا دېيىلگەن. مەسىلەن: دەسلەپكى خرىستئان كوممونىسى، 18 - ئەسىردە فرانسىيىدىكى بەزى شەھەرلەرنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى، فرانسىيە، ئىتالىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام مەمۇرىي رايونلىرى قاتارلىقلار. 1871 - يىلى فرانسىيىدىكى پارىژ پرولېتارىياتى قۇرغان ئىنقىلابىي ھاكىمىيەتكە پارىژ كوممۇنىسى دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە بولغان ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكى تۈزۈمى ۋە پرولېتارىيات دېموكراتىيسىى تۈزۈمى يولغا قويۇشنى ئەڭ ئالىي پرىنسىپ ۋە غايە قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛فرانسوزچە
باشلانغۇچ جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئورتاق ئىستېمال قىلىش ئاساسىدا بىرلەشكەن مەلۇم توپى، جامائەسى. ئۇ سىنپىي جەمئىيەتتىمۇ خېلى ئۇزۇنغىچە ساقلىنىپ تۇرغان. مەسىلەن، ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىغا ئوخشاش.
پرولېتارىيات ھاكىمىيىتىنىڭ بىر خىل شەكلى.
فرافسىيىدە 1871 - يىلى پارىژ كوممۇنىسى قۇرۇلغان.
خەلق گوڭشېسى.
پەرھات چولپانخان ئانىنى كوممۇنا دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتى.