Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆزىتىش قابىلىيىتى
پسىخولوگىيە
بۇ بىر خىل ئالاھىدە، تەرەققىيات سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى ئىدراك قىلىش قابىلىيىتى بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك شەيئىنىڭ ھەرخىل دەرىجىدىكى روشەن بولمىغان لېكىن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ھالقىلىرى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تېز ھەم ئۆتكۈرلۈك بىلەن بايقىۋېلىش قابىلىيىتىدىن ئىبارەت. كىشلەرنىڭ كۆزىتىش قابىلىيىتى سەۋىيىسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۆزىتىش پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈمىمۇ بىردەك بولمايدۇ، بۇ ھال كۆزىتىش سۈرئىتى، كۆزىتىشنىڭ پۇختىلىق دەرىجىسى ۋە كۆزىتىشنىڭ چوڭقۇرلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭدەك يېڭى بايقاش ۋە ساختا ئوبرازلارنى پەرق ئېتىشكىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. كىشلەرنىڭ ئىدراك قىلىشىدا ئايرىم پەرقلەر بولىدۇ. تەسۋىرىي ئىدراك، ئىزاھلىق ئىدراك، ئوبيېكتىپ ئىدراك، سۇبيېكتىپ ئىدراك دىگەن تىپلىرى قاتارلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈكچە كىشلەرنىڭ كۆزىتىش قابىلىيىتىدىمۇ تۈرلۈكچە ئالاھىدىلىك ۋە تۈرلۈكچە سەۋىيە بولىدۇ. كۆزىتىش قابىلىيىتى كۆزىتىش پائالىيىتى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ. كۆزىتىش قابىلىيىتى كۆزىتىش پائالىيىتى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ. كۆزىتىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشتە تۆۋەندىكىلەرنى ئورۇنداشقا دىققەت قىلىش لازىم. (1) تەدرىجىي ئىلگىرلەش: ئوڭايدىن تەسكە، ئاددىيدىن مۇرەككەپكە، ھادىسىدىن ماھىيەتكە؛ ئالدى بىلەن جىم تۇرغان جىسىمنى كۆزىتىپ، ئاندىن ئۆزگىرىش ھادىسىسىنى كۆزىتىش؛ ئالدى بىلەن روشەن ئالاھىدىلىكىنى، روشەن ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىپ، ئاندىن روشەن بولمىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن كىچىك ئۆزگىرىشلىرىنى كۆزىتىش، ئالدى بىلەن كۆزىتىش سۈپىتىگە ئېتىبار بېرىپ، ئاندىن كۆزىتىش سۈرئىتىنى يۈكسەلدۈرۈش، كۆزىتىش پائالىيىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنىمۇ تەدرىجىي ئاددىيلاشتۇرۇش، تەدرىجىي قويۇپ بېرىش، كۆزەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى بىلەن مۇستەقىللىقىنى تەدرىجىي يۈكسەلدۈرۈش لازىم؛ (2) ئۆز ۋاقتىدا كۈچەيتىش: كۆزىتىش نەتىجىسىنى ئۆز ۋاقتىدا باھالاش كۆزىتىشكە قىزىقىشنى قوزغاشقا پايدىلىق. كۆزىتىش پوزىتسىيىسىنىڭ توغرا بولۇشى ۋە ياخشى بولۇشى كۆزىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. كۆزىتىش جەريانىدىكى خاتالىق ۋە تاشلىنىپ قېلىشلارنى تۈزىتىش قول ئۇچىدا ئىشلەش كېسىلىنى تۈزۈتىشكە پايدىلىق؛(3) ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش: ئىگىلىتىشكە قارىغاندا خېلى ئۇزۇن مەشىق جەريانىنى تەلەپ قىلىدۇ. دىمەك كۆزىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ئادەم تىرىشىپ كۆزەتكەندىلا كۆزىتىشكە ئۇستا بولالايدۇ. قەتئىي ئىرادە بولمىسا، كۆزىتىش پائالىيىتى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇلمىسا، كۆزىتىش قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتى چەكلىك بولۇپ قالىدۇ.