Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆتەك
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
بەل (تاغنىڭ)، داۋان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دەرەخنىڭ كېسىلگەندىن كېيىنكى يىلتىز بىلەن قېلىپ قالغان تۆۋەنكى قىسمى.
ئالما كۆتىكى.
دىئامېتىرى چوڭ، توم، قىسقاراق ياغاچ.
- بۇ كۆتەكنى تىلسا نۇرغۇن شال چىقىدۇ، - دېدى سەلەي.
كۆچمە. تالون ۋە ئىسپاتلارنى يېزىپ بەرگەندەك، تالون ۋە ئىسپاتنىڭ يېزىپ بەرگۈچىدە قېلىپ قالىدىغان قىسمى.