Uyghurئاساسىي لۇغەت
كودرېئانۇ
دۇنيا تارىخى
(1850 - 1878) رومىنىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى سوتسىيالىست. 1870 - 1874 - يىللىرى روسىيىنىڭ پېتېربۇرگتا دوختۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقاندا ئىنقىلابىي دېموكراتلارنىڭ ئىدىيىۋى تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1874 - يىلى رومىنىيىگە قايتىپ، ياسى ۋە بۇخارېستتا تۇنجى سوتسىيالىزم گۇرۇپپىسىنى قۇرغان ھەمدە دوختۇرلۇق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، يېزىلارغا بېرىپ، ئىنقىلابىي تەشۋىق قىلغان. 1877 - يىلى رومىنىيە بويىچە تۇنجى سوتسىيالىستىك ژۇرنال - <سوتسىيالىستلار>نى نەشىر قىلىپ، قالاق يەر تۈزۈمىنى سۆكۈپ، دۆلەتنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش، نوتۇق، يىغىلىش ۋە نەشىر قىلىش ئەركىنلىكى بولۇش، ئەر - ئاياللار باراۋەرلىكى پرىنسىپنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان.