Uyghurئاساسىي لۇغەت
كود
بىئولوگىيە
يەنى <ئىرسىيەت>. ھەر قايسى ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ سىنتېزلىنىشىدىكى DNA ياكى RNA لارنىڭ نۇكلېئوتىد تەركىبىىنى بەلگىلەيدىغان ئىرسىي ئىنفورماتسىيە كودى. جانلىقلارنىڭ مەلۇم بولغان بارلىق كودى تەخمىنەن تۆۋەندىكىدەك ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە: (1) ئۈچ بىرلەشمە تەنچە كودى، يەنى ھەر بىر ئامىنو كىسلاتاسى ئۈچۈن تۇتاش ئۈچ دانە نۇكلېئوتىد بەلگە قىلىنىدۇ. (2) كودنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىشى، يەنى مەلۇم بولغان بارلىق جانلىقلار ئوخشاش بولغان ياكى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان كود سىستېمىغا ئىگە. (3) كودنىڭ ئاددىي بىرلىشىشچانلىقى، يەنى بەزى ئامىنو كىسلاتالىرى بىر قانچە كود بىلەن بەلگىلىنىدۇ. (4) كودنىڭ قاتلانماسلىقى، يەنى ئالدىنقى، كېيىنكىدىن ئىبارەت ئىككى كودتا بىرلىكتە قوللىنىلىدىغان نۇكلېئوتىد بولمايدۇ. (5) تىنىش بەلگىسى قىلىنىدىغان كود بولمايدۇ، ھەر قايسى ئامىنو كىسلاتالىرى ئارىلىقلىرىدا تىنىش بەلگە قىلىنىدىغان كود مەۋجۇت بولمايدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۇنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بەزىلەر ئۇنىڭدىن سىرت ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛فرانسوزچە
فىزىكا
تېلېگرامما ئەۋەتىشتە ئىشلىتىلىدىغان بەلگە. ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ.
بىر خىلى، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشىمىغان ئېلېكتر ئىپۇلىس (نۇقتا ۋە يۈز) بىلەن ھەرخىل بەلگىلەرنى تەشكىل قىلىش ئارقىلىق ھەرپ ۋە سانلارنى ئىپادىلەش بولۇپ، رىتىمسىز (تەكشى ئەمەس) كود دېيىلىدۇ؛ يەنە بىر خىلى، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشاش، لېكىن توك يۆنىلىشى ئوخشىمايدىغان ياكى توكلۇق، توكسىز ئېلېكتر ئىمپۇلىس بىلەن ھەرخىل بەلگىلەرنى تەشكىل قىلىش بولۇپ تەكشى (رىتىملىق) كود دېيىلىدۇ.