—مەنبە
كۈنجۈت
دائىرە: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىكۈنجۈت ئېلىمىزدىكى تۆت چوڭ مايلىق زىرائەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى بولۇپ، ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدىكى ماي مىقدارى %61 كە يېتىدۇ. ئېلىمىزدە قەدىمدىن تارتىپ كۈنجۈت ۋە كۈنجۈت مېيىدىن ئىشلەنگەن داڭلىق ۋە ئالاھىدە يېمەكلىكلەر ھەمدە ئېسىل نازۇ نېمەتلەر بار بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر بولۇپ كەلگەن.
ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا، غەربىي خەن دەۋرىدىكى جاڭ چيەن غەربىي رايونلاردىن ئۆتكەندە كۈنجۈتنى جۇڭگوغا ئېلىپ كەلگەنىكەن. ھازىرقى ئىلمىي ئاساسلارغا قارىغاندا كۈنجۈتنىڭ ئەسلىي ماكانى ئېلىمىزنىڭ يۈننەن - گۈيجۇ ئېگىزلىكلىرى ئىكەن. جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھىرى چيەن شەن ياڭدىكى يېڭى تاش قورال دەۋرىگە تەۋە خارابىلىك ۋە خاڭجۇ شۈيتيەنفەندىكى تارىختىن ئىلگىرىكى خارابىلىكتىن قەدىمكى كۈنجۈت ئۇرۇقى تېپىلغان بولۇپ، كۈنجۈتنىڭ يۇرتى جۇڭگو ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.
كۈنجۈت كۈنجۈت ئائىلىسىگە تەۋە بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىدە تىۋىت تۈكچىلىرى بولىدۇ. غولى تىك، ئېگىزلىكى تەخمىنەن1 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، تۆۋەن قىسمى يۇمىلاق، يۇقىرى قىسمى چاسا شەكىللىك بولىدۇ. ئومۇم گۈل رېتى چوققىسىدا ئۆسىدۇ، گۈلى يالغۇز گۈل بولۇپ، ئىككى - ئۈچى توپلىنىپ يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ. گۈلى كانايسىمان كالپۇك شەكىللىك بولۇپ، سۇس قىزىل، سۆسۈن ۋە ئاق رەڭلەردە بولىدۇ. سورتلىرى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇزۇن كانايسىمان غوزا مېۋىسىنىڭ قىر سانى4،6 ،8 قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەردە بولىدۇ. ئۇرۇقى ياپىلاق ۋە يۇمىلاق بولۇپ، ئاق، سېرىق، قىزغۇچ قوڭۇر ياكى قارا رەڭلەردە بولىدۇ. ئاق كۈنجۈتنىڭ ماي مىقدارى يۇقىرىراق بولىدۇ. قارا كۈنجۇتنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى ھۆللەشتۈرۈپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش جەھەتلەردە دورىلىق رولىغا ئىگە.
كۈنجۈت مېيى تەركىبىدە ئادەم تېنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ مىقداردىكى ماي كىسلاتالىرى بولۇپ، لىنولېئىك كىسلاتا مىقدارىلا %7 .43 كە يېتىدۇ. بۇنى قىچا مېيى ياكى خاسىڭ مېيىنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا يۇقىرى. كۈنجۈتنىڭ غول، يوپۇرماق، گۈللىرىدىن ئاروماتىك مايلارنى چەككىلەشكە بولىدۇ.
جۇۋازدا چىقىرىلغان كۈنجۈت مېيىنىڭ خۇش پۇرىقى مەززىلىك بولغاچقا، خەلقئارا بازارلىرىدا بازىرى ئىتتىك بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۈنجۈتتىن ياسالغان كۈنجۈت بوتقىسى (زىماجياڭ) نىڭمۇ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولماقتا.
كۈنجۈت گۈلىدە ھەسەل بېزى بولۇپ، قىچا، قارا بۇغداي (ئۈچ قىرلىق بۇغداي)لار بىلەن بىرلىكتە ئېلىمىزدىكى ئۈچ چوڭ ھەسەل مەنبەسى زىرائەتلىرى دېيىلىدۇ. سۈپىتى جەھەتتە كۈنجۈت ھەسىلى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
مىسال
كۈنجۈتنى سېرىقماي قورىدىغان بولسا تاتلىق بولىدۇ.
تەرجىمە: If you roast sesame without oil, it tastes sweet.
common collocation
مەنبە
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كۈنجۈت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، كۈنجۈتكە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى تىك، تۆۋەندىكى قىسمى يۇمىلاق، ئۈستۈنكى قىسمى ئادەتتە تۆت قىرلىق كېلىدۇ. يوپۇرمىقىدا تۈكچىلىرى بولىدۇ، گۈلى ئاق، غوزا مېۋىسىنىڭ قىرلىرى بار، يوپۇرمىقى كىچىك ھەم ياپىلاق، ئاق، قارا، سېرىق، قوڭۇر قاتارلىق ئوخشىمىغان رەڭلەردە بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ غوزىلىق مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
بەدەننى سەمرىتىش، سۈت ۋە مەنىينى كۆپەيتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، بوۋاسىر قېنىنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 15 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
كۈنجۈتنى شاراب بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، چايان، يىلان چاققان كىشىلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى كۈنجۈتكە تەڭ مىقداردا شېكەر، خەشخاش، يېرىم مىقداردا پوستى ئېلىنغان بادام مېغىزى، ئوندىن بىرىچە بىخ ئەبيەس
قوشۇپ، ھەر كۈنى 30 گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەننى سەمرىتىپ، باھنى كۈچلەندۈرۈپ، بۆرەككە ياغ پەيدا قىلىدۇ.
كۈنجۈتنى ئېزىپ، شىرىسىنى چىقىرىپ، ناۋات بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئالتە گرام كۈنجۈتنى ئۈچ گرام كۆيدۈرۈلگەن ياڭاق بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بوۋاسىرنىڭ قېنىنى يوقىتىدۇ.
كۈنجۈتنىڭ قاينىتىلغان سۈيىنى نوقۇت بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھامىلىنى چۈشۈرىدۇ.
كۈنجۈتنىڭ قاينىتىلغان سۈيىدىن 60 گرامنى 30 گرام شاراب ۋە ۋاسالغۇ چىلانغان سۈ، 51 گرام كۈنجۈت يېغى، 15 گرام رۇمبەدىيان بىلەن
قوشۇپ ناشتىدا ئىچىپ بەرسە، قاننىڭ ئۆزگىرىشى ۋە بەلغەمدىن بولغان قىچىشقاقنى يوقىتىپ، تېرىنى يۇمشىتىدۇ.
كۈنجۈت بىلەن لوئۇق تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەل ۋە كۆكرەك كېسەللىكى، ئۆپكىنىڭ يىرىڭلىق چاقىلىرى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
كۈنجۈتنى زىغىر بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەپ، مەنىينى كۆپەيتىدۇ.
كۈنجۈتنى ئېزىپ شاراب بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، قۇلۇنجىنى يوقىتىپ، مۈڭگۈزلۈك يىلان چاققان زەھەرنى قايتۇرىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ xx–xx لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى مەنبە دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.