Uyghurئاساسىي لۇغەت
كلېستېن
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلى) قەدىمكى ئافىنالىق سىياسىئون. ئاددىي خەلقنىڭ يولباشچىسى. دۆلەتمەن ئالكمېئونىدې جەمەتىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، مېگاكلنىڭ ئوغلى، سكىئوننىڭ تىرانى - كىلىستېننىڭ نەۋرىسى. مىلادىدىن تەخمىنەن 509 يىل ئىلگىرى، ئاددىي خەلقنمىڭ كۈچىگە تايىنىپ، سپارتانىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئاقسۆڭەك تەرەپدارلىرىنىڭ ۋەكىلى ئىساگوراسنى ئافىنادىن قوغلاپ چىقارغان. مىلادىدىن 508 - 507 - يىل ئىلگىرى كونسۇل (ھاكىمىيەت باشقۇرغۇچى ئەمەلدار) بولۇپ، تۆۋەندىكىچە ئىسلاھات ئېلىپ بارغان - ئۇرۇقداش (قانداش)لىق مۇناسىۋىتى ئاساسىغا قۇرۇلغان تۆت قەبىلىنىڭ ئورنىغا، ھەربىر قەبىلە بىر - بىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولمىغان شەھەر رايونى، دېڭىز بويى ۋە ئىچكى رايونلاردىن تەركىپ تاپقان ئون مەھەللىۋى قەبىلىنى دەسسەتكەن. ھەربىر قەبىلە ئاھالىلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق يېزا - جامائەسى (تەخمىنەن 170 دەك يېزا جامائەسى) غا بېرىپ نوپۇسقا ئالدۇرغان. ئافىنادىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى سايلىمى ئومۇمەن يېڭى قەبىلىلەرنى بىرلىك قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان. ئەسلى ئافىنا پۇقراسى ئەمەس كىشىلەر (ياقا يۇرتلۇقلار بىلەن قۇللار)نى ئافىنا پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشتۈرگەن. بۇرۇنقى ئۇرۇق (قانداش) لىق مۇناسىۋىتى سىياسىي تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ رۇلىنى يوقاتقان. يەنە <500 كىشلىك سېنتورىيە>نى بۇرۇنقى (سولون بەرپا قىلغان) <400 كىشلىك سىنتورىيە>نىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. ئومۇمەن ھەربىر قەبىلە 50 كىشىنى سايلاپ بېرىپ، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ نۆۋەت بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويغان؛ تىران ھاكىمىيىتىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشتىن ساقلىشى ئۈچۈن قۇلۇلە قېپى (يەنە بىر ئېيتىلىشچە بىرنەچچە يىل ئۆتۈپ ئاندىن بۇ خىل سوت يولغا قويۇلغانىدى دىيىلىدۇ). كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا يەنە ئون گېنېرال تۈزۈمىنى بەرپاقىلىپ، ھەربىر قەبىلە بىرەيلەننى گېنراللىققا سايلاپ ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغان. ئاساسىي قانۇن تۈزۈلمىسىدە، پۇقرالار كېڭەشمىسىنى دۆلەتنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاقسۆڭەكلەر كېڭەشمىسى (ئارېخېئوپاك) نىڭ ھوقۇقىنى يەنىلا ئاجىزلاشتۇرغان. كىشىلەر ئادەتتە ئافىنادا دېموكراتىك سىياسىي دەل مۇشۇ دەۋردە بەرپا قىلىنغان دەپ قارايدۇ.