Uyghurئاساسىي لۇغەت
كلېيتون پىلانى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىنىڭ ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان ئىقتىسادىي سىياسىتى. 1945 - يىلى 2 - 3 - ئايلاردا مېكسىكىدا چاقىرىلغان پان ئامېرىكا پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلىرى بويىچە ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كلېيتون ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى ئەللەر <ئىقتىسادىي مىللەتچىلىك> كە خاتىمە بېرىش، گۇمرۇك توساقلىرىنى بىكار قىلش، ئەركىن سودا، ئەركىن مەبلەغ ۋە ئەركىن كارخانىدىن ئىبارەت ئۈچ پرىنسىپنى يولغا قويۇش كېرەك دېگەننى تەرغىپ قىلغان، بۇ كلېيتون پىلانى دەپ ئاتالغان. بۇ ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا قارىتا يولغا قويغان ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىك قىلىش پىلانى بولغاچقا لاتىن ئامېرىكىسى خەلقنىڭ كەڭ كۆلەملىك قارشىلىقىنى قوزغىغان. بىراق يىغىننىڭ ئاخىرىدا ماقۇللانغان <ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى خارتىيىسى>دە يەنىلا بۇ مەزمونلار ئاساسەن قوبۇل قىلىنغان.