Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەتىشدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كېتىشتى، ئايرىلىشتى.
ئولار بىر ئىكىندىدىن كەتىشدى _ ئۇلار بىرى ئىككىنچىسىدىن ئايرىلدى، يەنى بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشتى ( كەتىشۈر _ كەتىشمەك). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ياراغ بۇلۇپ ياغۇشدى
ئورتاقلىقىن سۆكۈشدى
قۇلۇن قاپۇپ كەتىشدى
سۈردى مەنىڭ قويۇمى
«پۇرسەت تېپىپ يېغىلاشتى،
ئورتاقلىقنى بۇزۇشتى،
قۇلۇننى بۇلاپ كېتىشتى،
سۈرۈپ كەتتى قويۇمنى.»
پايدا ئالغاندىن كېيىن، بىرمۇنچە نەرسىلىرىنى يوشۇرۇۋالغان شېرىك توغرىسىدا شۇنداق دېيىلگەن: ئۇ پۇرسەت تېپىپ قۇلۇنۇمنى ئوغرىلاپ كەتتى، شېرىكچىلىكنى بۇزدى، قويلىرىمنى ھايداپ كەتتى، مەندىن ئايرىلدى.
2 - 11