Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەتىرا
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، كەتىراغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 - 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ ئوق يىلتىزى ئۇزۇن، شەكلى تۈۋرۈكسىمان بولىدۇ. غولى تىك، سىرتى شالاڭ، ئاق تۈكلەر بىلەن
قاپلانغان؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، ئۇششاق يوپۇرماقلىرى كىچىكرەك، سانى 17 ~ 29 غا قەدەر بولۇپ، تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە، تولۇق گىرۋەكلىك كېلىدۇ، قوشۇمچە يوپۇرمىقى ئۈچ بۇرجەكلىك تېمىنە شەكلىدە بولىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل
رېتى ئۇچىدا ياكى قولتۇقىدا ئۆسىدۇ. گۈل رېتى قىسقا، گۈللىرى زىچ، كېپىنەكسىمان، رەڭگى سۇس سېرىق، ئومۇمىي گۈل سېپى ناھايىتى ئۇزۇن
بولىدۇ. گۈل كاسسىسى قوڭغۇراققا ئوخشايدۇ، قارا تۈكلىرى بولىدۇ. قاسىراقلىق مېۋىسى كۆپۈپ چوڭىيىپ پۇۋەككە ئوخشايدۇ، ئۇرۇقى ئۇششاق
بۆرەكسىمان، رەڭگى قارا.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە قېزىۋېلىپ، چاچما يىلتىزى ۋە لاي -
توپىلارنى تازىلىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، تولۇق نەمدەپ، يالپاقلاپ توغراپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق جايلىرىدىكى تاغ
ئورمانلىقىنىڭ ئوچۇقچىلىقى، ئورمان بويلىرى ۋە چاتقاللىقلاردا كۆپ ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تەرلەشنى توختىتىش، ئەت ئۈندۈرۈش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق
ياندۇرۇش، تال، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
كەتىرادىن 70 گرام، قانتېپەردىن 35 گرام ئېلىپ، قوي گۆشى بىلەن شورپا قىلىپ ئىچىپ بەرسە، ئۇزۇن مۇددەت كېسەل ئازابىدىن بولغان
بەدەن ئاجىزلىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام كەتىرانى 12 گرام قانتېپەر، سەككىز گرام پەربۇن بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوڭى چىقىپ قېلىش ۋە بالىياتقۇ
چىقۇقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام كەتىرانى 70 گرام تاۋۇز شاپىقىنى 15 گرام توشقانزەدىكى بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ياللۇغىدىن بولغان سۇلۇق
ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام كەتىرانى 20 گرام قانتېپەر، 12 گرام بايناق، 15 گرام ئايرىم ئېرىتىلگەن بۇغا مۈڭگۈز يېلىمى، 20 گرام پاقىيوپۇرماق ئۇرۇقى، بەش تال
چىلان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەرخىل ئىششىقلارغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
25 گرام كەتىرانى 12 گرام كىرەش، 20 گرام ئۇچقات، سەككىز گرام سوپۇندەرەخ تىكىنى، 12 گرام ئاچچىقتاۋۇز يىلتىز تالقىنى، 10 گرام
بايناق، 14 گرام ياۋا كەشمىر، تۆت گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، غەلۋىرەكنىڭ ئۇزۇنغىچە ئېغىز ئالماسلىقىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام كەتىرانى 20 گرام كىرەش، 15 گرام لېپەكگۈل بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، باش قېيىش، ھەيز توختاپ قېلىش، رەڭگى
سارغىيىش، يۈرەك سېلىش، دەم سىقىلىش ۋە بەل، پۇت سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام كەتىرانى 10 گرام بايناق، سەككىز گرام كەۋرەك بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقىدىن بولغان كۆپ تەرلەشكە
ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كەتىرا داڭلىق قۇۋۋەت دورىسى بولۇپ، ئادەم تېنىگە نىسبەتەن ماغدۇر كىرگۈزۈش رولىغا ئىگە. جۇڭيى تېبابىتىدە كەتىرانىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ، تەننى قۇۋۋەتلەپ مۇسپىيلىكنى ئاشۇرۇش، بەدەننى چىڭىتىپ تەرلەشنى توختىتىش، ھارام ئەتلەر (يىرىڭ)نى چىقىرىپ تاشلاپ ئەت قوندۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئىقتىدارلىرىغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئاساسەن بەدەن ئاجىزلىقتىن تەرلەش، چارچاشتىن ئىچى زەخىملىنىش، ئىچى سۈرۈپ ماغدۇرسىزلىنىش ۋە ھەر خىل مەرەز (ئەسۋە) قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.
ھازىرقى زامان تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، كەتىرانىڭ يۈرەكنىڭ قىسقىرىشىنى كۈچەيتىش رولى بولۇپ، بولۇپمۇ زەھەرلىنىش ياكى چارچاش سەۋەبىدىن زەئىپلەشكەن يۈرەك كېسەللىكىگە نىسبەتەن كۈچەيتىش رولى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن. ئۇنىڭ يەنە قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش رولىمۇ بار بولۇپ، تېرىنىڭ قان ئايلىنىشى ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى ياخشىلايدىكەن ھەمدە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. كەتىرانىڭ يەنە جىگەرنى قوغداش، بۆرەك ياللۇغىنى داۋالاش روللىرىمۇ بار ئىكەن.
ئېلىمىزدىكى داڭلىق كەتىرالاردىن ئىچكى موڭغۇل كەتىراسى (تۈكلۈك كەتىرا) كۆپىنچە ئىچكى موڭغۇل، خېبېي، سەنشى قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ؛ شەرقىي شىمال كەتىراسى (پەردە قاسىراقلىق كەتىرا) كۆپىنچە شەرقىي شىمال، خېبېي، شەنشى قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ. بۇ ئىككى خىل كەتىرانىڭ يىلتىزى دورا قىلىنىدىغان بولۇپ، ئىچكى موڭغۇل بىلەن غەربىي شىمالدىن چىقىدىغانلىرى ئېسىل سورتلار ھېسابلىنىدۇ.
كەتىرا يوغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، پۇرچاق ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ياز پەسلىدە چېچەكلەپ، چوكا مېۋە تۇتىدۇ. يىلتىزى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئادەتتە تۆت يىلدىن ئارتۇق ئۆسكەن كونا يىلتىزلىرى كولاپ يىغىۋېلىنىدۇ. يەر ئۈستىدىكى غول ۋە يوپۇرماقلىرى ھەمدە يەر ئاستىدىكى چاچما يىلتىزلىرى يىغىۋېلىنىپ قۇرۇتقاندىن كېيىن30 ~60 سانتىمېتىر كەسلەپ ساقلىنىدۇ ياكى كېسىپ يالپاقلاپ دورا قىلىنىدۇ. كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىنغان كەتىرا تەركىبىدە مىكرو ئېلېمېنت سىلىن (eS) بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا، سۈپىتىمۇ ياخشى. كەتىرانىڭ غول ۋە يوپۇرماقلىرىدا ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، چارۋا ماللارنىڭ يەم - خەشىكى قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىز دورا قىلىنىدۇ، تاش بەدەننى چىڭىتىپ قۇۋۋەت بېرىدۇ، تەرلەشنى توختىتىدۇ، سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ.