Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەڭتاشا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋ. ئېھتىياجىدىن ئېشىپ قالغۇدەك دەرىجىدە، يېتەرلىك، مول.
بۇ يىل توك خېلى كەڭتاشا بولۇپ قالدى.
سۈپ. چوڭ، يوغان، ئازادە.
- كىگىزنى مۇشۇ يەردە تىكىڭ، شتاب ئىچى كەڭتاشا، - مەسلىھەت بەردى سوپىئاخۇن سوۋۇرۇۋ.
رەۋ. ئۆز ئىختىيارىچە، ئۆزى خالىغان تەرىزدە، ئەركىن - ئازادە.
تاغدا كەڭتاشا يۈرۈپ ئۆگىنىپ قالغان خەق، بۇنىڭغا زادىلا كۆنەلمەيتتى.