Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆچلۈك - دۈشمەنلىك.
كىم ئاداۋەت قىلىچىنى ئالسا قىنىدىن، ئاداۋەت تىغىدا ھالاك بولار. جان چىقار، كەك چىقماس. كىنە يارىسى ئاسان ساقايماس. ئەي ئىنسان، خۇسۇمەتتىن يىراق بول. قورسىقىدا غۇمى بار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەجمى، سىغىمى ۋە سەتھى چوڭ.
تار يەردە تېپىشقان، كەڭ يەردە تېپىشەر. يۇرت ئېتىكى كەڭ. كەڭرىگە كەڭ دۇنيا، تارغا تار دۇنيا.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كەڭتاشا، ئۇزۇن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئېنى، توغرىسى يوغان؛ ئەنلىك، توغرىلىق.
ئاش تەڭ، نان تەڭ، سول نېمىشقا كەڭ؟ (ماقال).
ھەجمى، سىغىمى، دائىرىسى چوڭ؛ ئۆلچىمى چوڭ، كاتتا بولغان.
كەڭ ئېتىز. كەڭ جاھان. كەڭ زېمىن. كەڭ ئەنلىك رەخت. كەڭ پەلتو. كەڭ كۆڭلەك.
كۆچمە. ھەممىسىنى ياكى مۇتلەق كۆپچىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، نۇرغۇنلىغان، كۆپلىگەن.
بۇنداق ئەھۋاللار ئامېرىكىنىڭ كەڭ رايونلىرىدا ھېلىمۇ مەۋجۇت.
كۆچمە. مول تولۇق، نازۇ نېمەتلەر بىلەن تولغان.
داستىخىنى زەپ كەڭ ئىكەن تاغ خەلقىنىڭ، مېھمېنىنى كۈتەر شۇنداق ئىززەت بىلەن.
كۆچمە. يېتەرلىك، تولۇق، كۆپ، زور.
يىراقتا <گەنسۇ> دەپ بىر جاي بار، چىنلەر <گەنسۇ> دەيدۇ. بىز تۈركلەر <كەڭ سۇ> دەيمىز. ئەسلى ئۇ جاينىڭ سۈيى كەڭ بولغانلىقتىن <كەڭ سۇ> دېگەن نام بىرىلگەن.
كۆچمە. ھەر تەرەپلىمە، زور؛ مول، كۆپ ھەم مۇكەممەل، تولۇق ھەم ئەتراپلىق.
ئۇيغۇر فولكلورلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن ئىنتايىن كەڭ.
ئومۇميۈزلۈك، زور دائىرىلىك.
كەڭ مۇزاكىرە كۆپچىلىككە كۈچلۈك تەربىيە بولدى.
ئۇنىڭ نامى ئىشچىلار ئارىسىدا كەڭ تارقالدى.