Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەششاف
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاچقۇچى، كەشپ قىلغۇچى، مەنبەئە ئاچقۇچى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە <كەششاف ئەن ھەقائىقۇت تەنزىل> دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، <سۈرىلەرنىڭ سىرىنى ئېچىش> مۇ دېيىلىدۇ. بۇ سۈننىي مەزھىپىنىڭ مەشھۇر تەپسىر كىتابلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى جىلد. بۇنى خارازملىق ئەبۇ قاسىم مەھمۇد بىننى ئۇمەرال زەمەخشەھرى (1074 - ياكى 1075 - 1143 ياكى 1144) يازغان. 1134 - يىلى يېزىپ بولغان. تەپسىردە ئىستىلىستىكا ۋە ئىلمىي تەۋھىدكە دائىر ئىزاھاتلارغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلگەن. بۇ ئەسەردە مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ ئەنئەنىگە قارشى ھالدا <قۇرئان كەرىم> يارىتىلغان، دەيدىغان قارىشى بولسىمۇ، لېكىن ئەنئەنىچىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. ئەرەب پەيلاسوپى، تارىخچىسى ئىبنى خەلدۇن (1332 - 1406)ئۇنى باشقا تەپسىرلەرنىڭ ئۈستىگە قويدى. بۇ ئەسەر كالكۇتتادا 1856 - يىلى تۇنجى قېتىم بېسىپ تارقىتىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇلاق (ھازىرقى قاھىرەنىڭ يېنىدىكى كىچىك شەھەر) دە 1874 - يىلى نەشر قىلىندى. 1889 -، 1890 -، 1900 -، 1935 - يىللىرى قاھىرەدە نەشر قىلىندى.