Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەشفۇل مەھجۇب
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ پارسچچە سۆزنى مەنىسى <سىرنى ئېچىش> دېگەنلىك بولىدۇ. (1) بۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى سوپىزملىق مەشھۇر ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ئەل ھۇجۋىرى يازغان. 1039 - يىلىدىن 1070 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا كىتاب بولۇپ چىققان. بۇ مۇئەللىپنىڭ لاھور ئاھالىسىنىڭ تەسەۋۋۇپ مىستىتسىزمى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان ئەسىرىدۇر. ئەسەر 34 باب (بەزى تەرجىمە نۇسخىلىرى 25 باب) بولۇپ، مەزمۇنى دەسلەپكى چاغلاردىكى تەسەۋۋۇپچى ئۆلىمالارنىڭ ھاياتى، ئىدىيىسى؛ مۇئەللىپ بىلەن زامانداش بولغان غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيادىك سۇفىيە پىرقىلىرى؛ سوپىزمنىڭ دىنىي قائىدىسى، ئەمەل - ئىبادەت ئۇسۇللىرى، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ مىستىتسىزملىق ئېتىقادى بىلەن ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. مۇئەللىپ ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىش ياكى ئەمەل قىلماسلىقىغا قاراپ، شۇ چاغدىكى سوپا پىرقىلىرىنى <ئەھلى شەرىئەت> ۋە <غەيرىي ئەھلى شەرىئەت> كە ئايرىپ، تەسەۋۋۇپ ئېتىقادى بىلەن قۇرئان، ھەدىس ۋە شەرىئەتنى ئاساس قىلغان ئەنئەنىۋى ئېتىقادنىڭ شەكلى ئوخشاش بولمىسىۇ، ماھىيىتى ئوخشاش، دەپ قارىدى. بۇ كىتاب پارس تىلىدىكى سوپىزملىق تۇنجى ئەسەر بولۇپ، تارىخىي قىممەتكە ئىگە بولغانلىقتىن، تەسەۋۋۇپ دىنىي قائىدىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەسىرى ھېسابىنىدۇ. بۇ ئەسەر ئوردو تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، كۆپ قېتىم نەشر قىلىندى. نىككېرسوننىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى 1911 - يىلى تۇنجى قېتىم، كېيىن كۆپ قېتىم قايتا نەشر قىلىنىپ، غەربنىڭ ئىلىم ساھەسىدە كەڭ تارقىتىلدى. (2) ئىسلام دىنىدىكى ئىسمائىلىيەلەرنىڭ نەزەرىيىۋى ئەسىرى بولۇپ، ئەسەر يەتتە باب بولۇپ، ئەسەردە بىر ئىلاھقا ئىمان ئېيتىش، ئىدراك، روھ، تەبىئەت دۇنياسى، دۇنيادىكى مەۋجۇداتلار، پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى ۋە قىيامەت قاتارلىق مۇھىم ئەقىدە پرىنسىپلىرى بايان قىلىنىپ، مۇقەددەس كىتابلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئەتىۋارلاندى.