Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەمبەغەل بولساڭ كۆچۈپ باق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ھەر كىم ئۆزىنى كەم سۇندۇرماسلىق، تۇرمۇشىدىن كۆڭلىنى يېرىم قىلماسلىق كېرەكلىكىنى، ئۆي - ماكان تۇتقان كىشىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق مال - بىساتى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: - مانا «كەمبەغەل بولساڭ كۆچۈپ باق» دېگەنلىك، قولۇم - قۇشنىلارغا ھەدىيە قىلىپ ئاشقانلىرىمۇ يەنە يېرىم ماشىنا كەلدى، - دېدى ئۇ.