Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەم
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ۋاقىت، زامان.
ئۇ كەمدە مەن قەشقەردە ئىدىم. * ئۇ شۇ كەمگۈچە كەلمىدى. * نەكەم بولدى، يارىم كەلمىدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ئاز.
كەم سۆز، كەم قۇۋۋەت، كەم ئەقىل، كەم دىدار. * سائەت كەم دېگەندە چارەك كەم ئون بولدى. * ئىككى كەم ئەللىك. * ئىقش كۆرمىگەن خام بالا، ئەقلى ھوشى، كەم بالا.
كىشى پاراسەتتە كەم بولسا قانچە،
ئەيبىنى ئاقلاشقا ماھىردۇر شۇنچە.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئاز؛ كەم: كەم باھا - ئەرزان؛ كەم ئاب - سۈيى كەم، سۈيى ئاز؛ قۇرغاق؛ پارقىرىمايدىغان(چىنتاشقا قارىتىلىدۇ)؛ كەمتەر - ئازراق، تېخىمۇ ئاز؛ كەمتەرىن - ئەڭ ئاز؛ ئەڭ ئەرزىمەس، ئەڭ تۆۋەن؛ كەم تەۋان - قابىلىيىتى ئاز، كەم جۈرئەت - غەيرەتسىز، جۈرئەتسىز، تۇغۇچى يوق، يۈرەكسىز؛ كەم جەئىيەت - ئاھالىسى شالاڭ، نوپۇسى ئاز؛ كەم ھافزە - ئەستە ساقلاش كۈچى ئاجىز؛ كەم ھوقۇق - تۆۋەن مائاشلىق، تۆۋەن ھەقلىق؛ كەم خەرج - ئەرزان؛ تېجەشلىك؛ كەم خاب - ئۇيقۇسى ئاز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سان جەھەتتىن كۆپنىڭ تەتۈرى، كۆپ ئەمەس.
«تام» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئازچىلىق. ئاز سانلىق مىللەت. ئاز يە، كۆپ چاينا. ئاز بولسىمۇ، كۆپكە تاۋاپ. ئاز سۆزلە، كۆپ ئويلا. ئازنى دەپ جىقتىن قۇرۇق قالما. ئاز ئېشىم، غوۋغاسىز بېشىم. ئاز يىغساڭمۇ ھالال يىغ. ئاز يە، ئاسان تىرىل. ئەركىن بازاردىن ئون جىڭ قاق ئاپتىكەن، جىڭلاپ كۆرسەك، يېرىم جىڭ كەم چىقتى. تىيىننىڭ ئۆمرى كۇتا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋاقىت؛ ئايرىم كەلمەيدۇ، «شۇ» ، «بىر» سۆزلىرى بىلەن بىللە كېلىدۇ.
قەيەرگە ئاپتاپ نۇر تۆككىنى ھامان، كېتىدۇ ئۇ يەردىن سايىمۇ شۇ ئان. شۇ ئەسنادا قەيەرلەردە يۈرىدىغانسىز؟ گەر كىمدە ئەقىلىدىن ئازدۇر - كۆپتۇر بار، ئۆمۈردىن بىردەمنى ئۆتكۈزمەس بىكار. باغۋەن ئىش پېيىدا بولمىسا بەزەن، باسىدۇ شۇ ھامان ئەتراپنى تىكەن. قۇش تۇخۇمى باغرىغا باسقان زامات، ھىممەتتە ئۆلۈككە ئاتا قىلار جان. بىر سائەتتىن كېيىن تاۋاق تارتىلدى. بىر كۆچ كۇزگىل _ بىردەم كۈتكىن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تەن ساقلىقىدىن ئايرىلغان.
ساق ، ساغلام، سالامەت، ساق - سالامەت، تازا
ئاغرىق - سىلاق، كېسەلدىن خالىي.
ساق يېرىمنىڭ ھالى يوق، ئاغرىق يېرىمنىڭ تايىنى يوق. تېنى ساققا تەمسىز تاماق يوق. ساغلام تەندە ئۈمىد بار، ئۈمىد بولسا ھەممە بار. سالامەت تەندە ساغلام ئەقىل. ئىككى كېسەل بىللە كەتتى، ساق بېرىپ، سالامەت قايتسۇن. كىيىشىم ماتا، تېنىم تازا. ئاغرىق بىلەن تازىلىق ئاراز. ھەر كىم ئۆز ئاغرىقىنى سۆزلەيدۇ. كېسىلىگە قاراپ دورا بەر. خەستە كىشىگە يول خەت كېسىلمەيدۇ. بىتاپ بولساڭ ئاپتاپقا چىق. بىمارغا بال ئاچچىق. بىر يېرىم كەم تۇرىدۇ، - دېدى ئاتام. مىجەزى يوقنىڭ ھالى يوق. ساقسىزنى قويۇپ ساقنى يۆلەپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسمانىي ۋە ياكى روھىي جەھەتتىن غەيرىي نورماللىق ھالىتى.
«بولماق»،«قىلماق» بىلەن پېئىللىشىدۇ.
بۇنداق ھالەتنىڭ ئېتىغا پەقەت «كېسەل» قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
كېسىلىگە قاراپ دورىسى. ئاغرىقىنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈمى ئاشكارا. «ئاغرىقمەن» دەيدۇ، ھەممىنى يەيدۇ. خەستەكىشىگە خەت كېسىلمەيدۇ. دەرد باشقا، ئەجەل باشقا. دەرد كەلسە، دەرماق كېتەر. بىتاپ بولساڭ، ئاپتاپقا چىق. بىمار بولغانغا ھەسەلمۇ ئاچچىق. ئۇ كەم بولۇپ قاپتۇ، ئىشقا چىقالمايدىكەن، - دېدى. ئۇنىڭ بۈگۈن تاۋى يوق، مەجلىسكە بارالمايدۇ. مىجازم يوق، ئاغرىقچان بولۇپ قالدىم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سان، مىقدار جەھەتتىن كىچىك.
كۆپ، جىق، تولا، نۇرغۇن، ئاۋۇن، غول
سان، مىقدار جەھەتتە چوڭ.
ئاز بولسا، ساز بولار. ئاز سۆزلە، كۆپ ئاڭلا. ئاز كۆرگەن كۆپ تېڭىرقار. ئازنى دەپ كۆپتىن قۇرۇق قاپتۇ. كۆپ سۆز دېگەن كۈكۈن، ئاز سۆزلىگەن ئالتۇن. ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاب، ئاز يېگەن كۈندە يەر، جىق يېگەن نېمە يەر. ئازمۇ يېتەر، كۆپمۇ تۈگەر. جىقنى دەپ ئازدىن قۇرۇق قاپتۇ. تولا سايرىغان بۇلبۇل قەپەسكە چۈشەر. تەڭرىنىڭ كۈنى تېرىقتىن تولا. نۇرغۇن يەرلەرنى كۆردۈم، ئۆز يۇرتقا يەتمەيدىكەن. ئاۋۇن بولسا تۈگەر، كەم بولسا يېتەر. سۈيۈڭ غول، ھوسۇلۇڭ مول.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كېسەل.
ئات كەملەندى _ ئات كېسەل بولدى.
1 - 440
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كەمچىل
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
مۈشكۈل، جاپا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
كېرەكلىك چەكتىكىدىن ئاز، يېتىشمەيدىغان، ئازلىق قىلىدىغان، كۆپ ئەمەس، ئاز.
سۇ ھەر ئىككىلىسى ئۈچۈن كەم ئىدى.
تولمىغان، تولۇقلانمىغان.
ئەتىگەندە ساتقان مالنىڭ كەم پۇلىنى تېخى ئالالمىدىم.
مەلۇم خىسلەت، قابىلىيەت جەھەتتە باشقىلاردىن تۆۋەن، ناچار، پەست.
ئۇنىڭ ئەقىل - ھوشى كەمرەك ئىكەن.
چولتا، تار دائىرىدە، يۈزە.
ئۇ ھەرگىز ئۇنداق كەم ئويلايدىغانلاردىن بولمىسا كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<ئۇ، بۇ، شۇ، نە> ئالماشلىرى بىلەن بىللە كېلىپ، <ۋاقىت، دەۋر، مەزگىل، چاغ، زامان> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئىلىشاھ بۇ كەملەردە ياش يىگىتتەك جۇشقۇن ۋە ناھايىتى خۇشال ئىدى.
ئۇ كەتكىلى نە كەم.