Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەڭلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەخت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ توغرىسى.
ئېنى كەڭ خەسە كىرلىككە ئەپلىك. كەڭلىكى چوڭ بولسا، ئۇزۇننىڭ ئۆلچىمى قىسقىرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كەڭ، ئازادە ھالەت، كەڭرىچىلىك.
كەڭلىك قىلماق.
كەڭ كەتكەن بىر بۆلەك يەر، بوشلۇق.
سادىق دامبىنىڭ ئۈستىدە 400 - 500 مېتىر كەڭلىككە يېيىلىپ، يامراپ چۈشۈۋاتقان سۇدىن كېچىپ ئۆتۈپ كەتتى.
كۆندىلەڭ ئۆلچەم، ئەن.
بىر كۈنى ئەپەندىم بازارغا كېتىپ بارسا، بىر توپ كىشىلەر ئۇنىڭدىن: - ئەپەندىم، ئۇ دۇنيانىڭ كەڭلىكى قانچىلىكتۇ، - دەپ سوراپتۇ.
<جۇغ> يەر شارى يۈزىدىكى شىمال بىلەن جەنۇب ئوتتۇرىسىدا بۆلۈنگەن ئارىلىق گرادۇسلىرى. ئېكۋاتوردىن جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپلارغىچە، ھەر قايسى 90 گرادۇسقا بۆلۈنىدۇ. شىمال تەرەپتىكىسى شىمالىي كەڭلىك، دېيىلىدۇ. ئېكۋاتورغا يېقىن بولغانلىرى تۆۋەن كەڭلىك؛ ئىككى قۇتۇپقا يېقىن بولغانلىرى يۇقىرى كەڭلىك دېيىلىدۇ. ئىككىسى ئارىسىدىكى 45 گرادۇس ئەتراپىدىكى ئوتتۇرا كەڭلىك دېيىلىدۇ. يەر يۈزىدىكى مەلۇم ئورۇندىن ئۆتكەن پاراللېل بىلەن ئېكۋاتور ئارىسىدىكى مەلۇم گرادۇس سانى شۇ ئورۇننىڭ كەڭلىكى بولىدۇ.